[ تۈرك مەتبۇئاتلىرى بۇ زىيارەتكە ئالاھىدە يەر بەرمەكتەOpens in new window ]
. بەزى مۇتەخەسسىسلەر كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تىز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئىران، ئىراق ۋە ئافغانىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە، برازىلىيە ۋە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئابرويى قاتتىق چۈشكەنلىكىنى، تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھېسداشلىقىدىن چۆچىگەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيىدە ئابرويىنى تىكلەش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
[ ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنOpens in new window ]
: "بىز ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە ياۋروپادىن ئۇزاقلىشىپ خىتايغا يېقىنلاشماقچى ئەمەس. خىتاي، پاكىستان ۋە تۈركىيە بەزى مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بارماقچى."
10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە ئەخمەت داۋۇدئوغلۇنىڭ قەشقەر زىيارىتى نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. ت ر ت تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرى فەرھات ئاقچا ئەپەندى زىيارەت ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى: "تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشلىدى. ئۇ ھازىر قەشقەردە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەيئەت ئالدى بىلەن قەشقەرگە 90 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ئوپال يېزىسىدىكى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى. مەخمۇت قەشقىرى دېگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ يازغان تۈركىي تىللار دىۋانى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن ۋاقتىمىزدا، قۇتاتقۇبىلىك ناملىق ئەسەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھېيتگاھ مەسچىتىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ. ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ئايالى ساراخ خانىم بىلەن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلەشتى، ئۇيغۇر بالىلار بىلەن رەسىمگە چۈشتى."
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردىن باشلىغانلىقىنى، قەشقەرنىڭ قاراخانىلار دۆلىتى مەزگىلىدە مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئۇلۇغ ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن شەھەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بۇ زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزغا پايدىسى بار. بۇ زىيارەت بىزنىڭ تارىختا ئايرىلغان يەردە قايتا بىرلىشىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىتايدىكى زىيارىتىمىز ھەر جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىم خىتايلار بىلەن سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي - مائارىپ جەھەتتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىمىز. بۇ زىيارىتىمىزنى تارىخىي يەرلەرنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلىدۇق. قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە شىئەن مۇھىم تارىخىي شەھەرلەر. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يۇرتىنى كۆرگەن بولىمىز. شاڭخەينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز."
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ قەشقەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان سائەتلەردە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي بېيجىڭدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لەۋەنت ئۇلۇچەر بۇ زىيارەت ھەققىدە مۇنداق دېدى: "ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا كەلدى. ئىككى تۈرك مىنىستىر بىرلا ۋاقىتتا خىتايدا، بۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ھادىسە. مىنىستىر بېشىر ئاتالاي خىتايدا تەشكىلى جىنايەت، ئەتكەسچىلىك، قانۇنسىز كۆچ، خەلقئارا جىنايەت ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۈڭكاڭ بىلەنمۇ ئۇچراشماقچى."
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇدئوغلۇ ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ شىئەن، بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تۈركىيىگە قايتىدىكەن.
تۈرك مەتبۇئاتلىرى قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق يەرلەردىن بەرگەن خەۋەرلىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بۇ يەردە قانلىق ۋەقەنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.