تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مۇساپىرلار قانۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

تۈركىيە 1950 - يىلى قوبۇل قىلىنغان مۇساپىرلار ۋە چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى. مەزكۇر يېڭى قانۇن لايىھىسى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىدى. تۈركىيە مۇساپىرلار ۋە چەتئەللىكلەر قانۇنى ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاشلا قانۇنىي ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈپ چىقىلىدىكەن.

0:00 / 0:00


يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيىگە پاناھلىق تىلەپ كېلىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ رەسمىيەتلىرى ئاسانلاشتۇرىلىدىكەن. ئىنسان ھەقلىرى، ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلىقنى قوغدىغان ھالدا، ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئۆلچەملىرىگە توشىدىغان مۇساپىرلار سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

يېڭى قانۇن تۈركىيىگە پاناھلىق تىلەپ كېلىۋاتقان مۇساپىرلارغا نېمە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ تۈركىيىدە بۇرۇن مۇساپىرلار خىزمىتىنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تارمىقىدىكى ۋەتەنداشلىق ئىدارىسى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يېڭى قانۇنغا ئاساسەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى نامىدا بىر ئىدارە قۇرۇلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىدارە خەتەرلىك دەپ قارالغان كىشىلەرنى تۈركىيىگە كىرگۈزمەسلىك ھوقۇقىغا ئىگە. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۈركىيىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئىش قىلغانلارنى 5 يىل مۇددەت بىلەن تۈركىيىگە كىرگۈزمەزلىك ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە گۇمانلىق كىشىلەرنى ئاختۇرۇش ھوقۇقىمۇ بولىدىكەن. بەلگىلىمە بويىچە بىر چەتئەللىك تۈركىيىدە 90 كۈندىن كۆپرەك تۇرۇشنى خالىسا ئىقامەت ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

يېڭى قانۇندا بىر كىشى ئەگەر 8 يىل داۋاملىق تۈركىيىدە تۇرغان بولسا ئۇ كىشىگە مۇددەتسىز تۈركىيىدە تۇرۇش كېنىشكىسى بېرىلىدىكەن. تۈركىيىدە تۇرىۋاتقان ۋەتەنسىز كىشىلەرگە ۋەتەنسىزلىك كىملىكى بېرىلىدىكەن. تۈركىيىگە كەلگەن بىر چەتئەللىك ئەگەر ئۆز دۆلىتىدە زۇلۇم ۋە بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولسا ئۇ كىشىگە پاناھلىق تىلەش ھەققى بېرىلىدىكەن. پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرگە 3 يىللىق مۇساپىرلار پاسپورتى بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تۈركىيىنىڭ ئىجتىمايى پاراۋانلىق خىزمىتىدىن پايدىلىنالايدىكەن. پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ بالىلىرى تۈركىيىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدىكەن، ھەتتا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.