تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىمەكچى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 15 دۆلەت، 20 شەھەردە پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ بۇنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ يوليورۇققا بىنائەن تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىمۇ تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي پارتىيىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئايرىم -ئايرىم زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل، قەيسەرى، كونيا، ئەرزۇرۇم قاتارلىق شەھەرلىرىدە رەسىم كۆرگەزمىسى، يىغىن، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ئۇيغۇرلارغا قۇرئان ئوقۇتۇش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىدىكەن.

istanbul-chaghlayanda-5-iyul-munasiwiti-namayish-385.jpg
ئىستانبۇل چاغلاياندا 5 ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش. 2009-يىلى ئىيۇل. (RFA/Erkin Tarim)

بۇ پائالىيەتلەرنى پەقەتلا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.