تۈركىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشتا بىر ئۇيغۇر ئۆزىگە ئوت قويدى

بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئالدى بىلەن چۈشتە جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەلىرىدىن بىرى بولغان قوجاتەپە مەسچىتىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر شېھىتلەرنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى.

0:00 / 0:00

كېيىن ئاپتوبۇسلار بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرە گازىئوسمان پاشا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا قەيسەرىدىن بىر ئاپتوبۇس، ئىستانبۇلدىن ئىككى ئاپتوبۇس ئۇيغۇر كېلىپ قاتناشتى، ئۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسى پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە كونا پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ 3 - 4 يۈز كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قولىدا كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى ۋە ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان بولۇپ، لوزۇنكىلاردا `خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك` دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان. كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ دوستلۇقنىڭ، تىنچلىقنىڭ

memet-tursun-yarilandi1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﺌﻮﻏﻠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻳﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

سىمۋولى ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بولسا بۇنى زۇلۇم قىلىشقا باھانە قىلىۋالغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەتبۇئات باياناتى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىن كېلىپ بۇ نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر تۈركئوغلى ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالدى. بەدىنىگە بېنزىن چېچىپ ئوت ياققاندا تۈرك ساقچىسى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن ئۆچۈرۈۋالدى. ئېغىر يارىدار بولغان مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى قۇتۇلدۇرۇش ماشىنىسى بىلەن ئەنقەرە نۇمۇنە دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېتىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىستانبۇلدا ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ قېچىشقا تەمشىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان ئىكەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا چەتئەل ۋە تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. بىز نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.