ئىستانبۇلدا «تۈركىيە-شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈرك ئوجاقلىرى مالتەپە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈركىيە-شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا «تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى»نىڭ ئەزالىرىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

يىغىندا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «تۈركىيە-شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆزىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرى، تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەردىكى ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق ئوخشاشلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلدى. دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار سۆزىدە يەنە، تۈرك ياشلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت-پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

turkiye-sherqiy-turkistan-munasiwiti-385.jpg
«تۈركىيە-شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋىتى» دېگەن تېمىدىكى يىغىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 18-فېۋرال، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن «تۈرك ئوجاقلىرى» مالتەپە شۆبە باشلىقى خالىدجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. خالىدجان ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر ئايدا بىر قېتىم تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار يىغىن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز، بۇ قېتىمقى يىغىندا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، تەشكىلات ئەزالىرىمىزنى، ياشلارنى بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ، تۈركىستان جۇغراپىيىسى توغرىسىدا، ئاتا ۋەتىنىمىز توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، كۆز-قاراشلىرىنى ئۆستۈرۈش، ئۇ يەردە ياشاۋاتقان دىنى، مىللىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، دەرد-ئەلەم، قايغۇلىرىغا ئورتاق بولۇش، قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە قىلىش، ئورتاق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ بىرلىك-باراۋەرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرۈش، قېرىنداشلىق، دىنداشلىق، ئوخشاش مىللىي ھېس-تۇيغۇلاردا ئورتاق بولۇپ ياشلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، بۇ ھىس-تۇيغۇ بىلەن بىزمۇ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ياشلارغا بىلدۈرۈش، ياشلارنى بۇ ھەقتە پىكىر-چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، ياشلىرىمىزنى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە ئورتاق بولۇشى كېرەك، دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇ مەقسەتتە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتۇق».

خالىدجان ئەپەندى، تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى دېيىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «پەقەت تۈركىستاندىلا ئەمەس دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈركلەر ياشايدۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئۇيغۇرلار، ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ زۇلۇم چېكىۋاتقان ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان تۈرك خەلقىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا كەركۈك تۈركمەنلىرى، قىرىمدا، غەربىي تىراكىيەدە بېسىم بار، ئەمما ئەڭ چوڭ زۇلۇم شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتىدۇ.»

خالىدجان ئەپەندى يەنە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا ئۈمىدسىزلىك يوقتۇر، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈمىدۋار بولسۇن، بىزمۇ تۈركىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى، ياشلىرىمىزنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، خەلقىمىزنى بۇ چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سەمىمىي سالام يوللايمەن».
تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تۈركىيىنىڭ 81 شەھەر ۋە رايونلىرىدا شۆبىلىرى بولغان ئەڭ چوڭ، تەسىرى كۈچلۈك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بىز يەنە بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئابدۇلھەمىد ئاۋشار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.