تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان باشكەنت تېلېۋىزىيىسىنىڭ 6 - ماي كۈنى سائەت 13تە بېرىلگەن ' خەۋەرچىنىڭ سائىتى ' پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى.

0:00 / 0:00

رەمزى دىلان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىغا سابىق دۆلەت مىنىستىرى رەفاھەتتىن شاھىن بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قاتناشتى.

باشكەنت تېلېۋىزىيىسى خەۋەرچىنىڭ سائىتى ناملىق پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى رەمزى دىلان ئەپەندى، بۇ پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ بۈگۈن دۇنيادا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتىنىڭ قانات يېيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ بايقوتنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ تىبەتلەر ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭمۇ تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيىنىڭ خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پروگراممىدا دەسلەپ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن` شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى` ماۋزۇلۇق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇپ بېرىلدى. بۇ فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ 7 - ئەسىردە قۇرغان ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان سىياسىتى ، تارىخى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىمۇ كۆرۈنۈشلەر بىلەن كۆرسىتىلگەن. ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە ، 1997 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى غۇلجىدا مەيدانغا كەلگەن غۇلجا ۋەقەسىدىن كۆرۈنۈشلەرگىمۇ يەر بېرىلگەن.

باشكەنت تېلېۋىزىيىسىدىكى` خەۋەرچىنىڭ سائىتى` ناملىق بۇ پروگراممىنىڭ رىياسەتچىسى رەمزى دىلان ئەپەندى ئالدى بىلەن سابىق دۆلەت مىنىستىرى پېشقەدەم سىياسەتچى رەفاھەتتىن شاھىن ئەپەندىگە سۆز بەردى. ئۇ سۆزىدە 2008 - ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى قىلىنىۋاتقان بايقوتنىڭ خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا 1980 - يىلى ئېچىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى، رۇسلار ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكى تۈپەيلى تۈركىيىنىڭ بايقۇت قىلغانلىقىنى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى، تۈرك تەنتەربىيىچىلىرىنىڭمۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ پروگراممىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ تۈرك ھۆكۈمىتىنى ۋە تۈرك تەنتەربىيىچىلىرىنى 2008 - ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا قاتناشماسلىققا چاقىردى.