ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىنغا چاقىردى

تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى زىيارەت قىلغان.

0:00 / 0:00

ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا تىرىشقان. ئەمما، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشلارغا قاتناشمىغان. قوجائەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە دەسلەپتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرغان بولسىمۇ، كېيىن بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ئەلچىخانىسى ئوقۇش پۇلى بېرىمىز دەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا جەدۋەل تارقىتىشقا باشلىغان.

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا مەلۇمات بېرىش ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە باشلىقى ئىلغار ئالىپتېكىن ھەم خىتاي ئەلچىخانىسى تارقىتىۋاتقان جەدۋەلنى كۆرگەن بىر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.