تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملاش باشلاندى

ھازىر تۈركىيىدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خاندەلىك (ئوقۇش ياردەم پۇلى) ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار ت ك س دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ (تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن) ئەۋەتىلىۋاتاتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان خاندەلىك پروگراممىسى 2012-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى «تۈركىيە خاندەلىكى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغانىدۇق. بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە بۇ يىلدىن باشلاپ تۈركىيىگە قوبۇل قىلىنىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر ۋە خاندەلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار دۆلىتى ۋە ئۆزلىرى تاللىغان كەسپىگە ئاساسەن بىر قانچە كاتېگورىيىگە ئايرىلغان بولۇپ، بىز تۈركىيىدە ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق بولۇشى ئۈچۈن، پەقەت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كاتېگورىيىلەرنىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاڭلىتىمىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان كەسىپكە قارىتا خاندەلىك پروگراممىسىنى تاللاپ، ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

تۈركىيە خاندەلىكلىرى:

باكالاۋرلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن خاندەلىك قانداق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ؟
تۈركىيە خاندەلىكى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇيدىغان (ئوقۇۋاتقان) ئوقۇغۇچىلارغا نۇرغۇن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ. تۈركىيە خاندەلىكىگە ئېرىشەلىسىڭىز، ئۇنىۋېرسىتېتقا ھېچقانداق ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيسىز، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سالامەتلىك خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنالايسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، بانكا ھېسابىڭىزغا ھەر ئاي مەلۇم مىقداردا پۇل ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەلۇم مىقدار پۇل تۈركىيىدىكى ئوقۇشىڭىزنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈنمۇ يېتىدۇ. ياتاق، تۇرمۇش ۋە قاتناش راسخوتىڭىز ئۈچۈنمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقتىڭىزدىن تارتىپ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا دۆلىتىڭىزگە بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلەتلىرىمۇ خاندەلىك ئىچىدە بولىدۇ.

كىملەر تىزىملىتالايدۇ؟

برازىلىيە، جۇڭگو (ئۇيغۇرلار)، كورىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سىنگاپور گراژدانى بولۇشى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈركىيىدە پۈتتۈرگەن بولۇشى (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانى ياكى ھەرقانداق سەۋەبتىن تۈركىيە گراژدانلىقىدىن مەھرۇم بولغانلار تىزىملىتالمايدۇ).
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى؛
1991-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگىنىدىن باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن خاندەلىكى ئالمىغان ياكى ئالمايۋاتقان بولۇشى؛
تۈركىيىدىكى كەسپىي تېخنىكوم ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىزىملىكىدە ئىسمى بولماسلىقى؛
تۆۋەندىكى نەتىجە شەرتلەردىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرىنى تەمىنلىشى ۋە نومۇرى 60تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

نەتىجە شەرتلىرى (بۇلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ):

دىپلوم نەتىجىسى؛
ئاخىرقى مەۋسۇمگىچە ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى؛
ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى؛
تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھان نەتىجىسى؛
خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (ئەگەر بار بولسا)؛
ياكى باشقىلار.

قانداق تىزىملىتىمەن؟

ئىلتىماسىڭىزنى: www.Ytb.Gov.Tr ياكى www.Turkiyeburslari.Gov.Tr دېگەن تور بەتلەرگە ياكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلىتىڭىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئىنتېرنېت ئارقىلىق تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى رەسىم شەكلىدە يوللاپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەلچىخانىغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللىرىنى تىزىملىتىش ۋاقتى ئاخىرلاشقۇچە بىۋاسىتە ئاپىرىپ بەرسە ياكى پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار نېمىلەر؟

تىزىملىتىش جەدۋىلى ( www.Ytb.Gov.Tr ياكى www.Turkiyeburslari.Gov.Tr دېگەن تور بەتلەردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز ياكى ئەلچىخانىدىن تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ).
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىسپاتى ياكى تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلەر ۋە نەتىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان نۇسخىسى.
ئىناۋەتكە ئىگە كىملىك نۇسخىسى (پاسپورت، كىملىك قاتارلىقلار).
بىر پارچە رەسىم.

باكالاۋرلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن:

  1. تىزىملىتىش جەدۋىلى ( www.Ytb.Gov.Tr ياكى www.Turkiyeburslari.Gov.Tr دېگەن تور بەتلەردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز ياكى ئەلچىخانىدىن تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ)؛
    تىزىملىتىش جەدۋىلى (مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردىكى شەرتلەرنى ئورۇنلايدىغانلىقىغا دائىر بايان ۋە ئارزۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛
  2. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىسپاتى ياكى تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى.
  3. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلەر ۋە نەتىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان نۇسخىسى.
  4. ئىناۋەتكە ئىگە كىملىك نۇسخىسى (پاسپورت).
  5. بىر پارچە رەسىم.