تۈركىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئۈچىنچى قېتىم غەلىبە قىلدى

تۈركىيىدە 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى 50 مىليون ئاۋاز بەرگۈچىنىڭ يېرىمىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ يەنە غەلىبە قىلدى.

0:00 / 0:00

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى 25% ئاۋاز ئېلىپ ئىككىنچى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى 13% ئاۋاز ئېلىپ ئۈچىنچى بولدى ھەمدە كۇرتلەرنىڭ تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيىسى 36 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىغا كىردى. 50 مىليون كىشى ئاۋاز بەرگەن بۇ سايلامدا 8 يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزاسىلىق نامزاتلىرىدىن 326 كىشى تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرىپ يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرماقچى.

6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون، گرېتسىيە باش مىنىستىرى يورگو پاپاندرەۋ، ئەزەربەيجان رەئىس جۇمھۇرى ئىلھام ئالىيېۋ، شىمالىي سىپرۇس رەئىس جۇمھۇرى دەرۋىش ئەروغلۇ قاتارلىقلار ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت 2002-يىلىدىن بېرى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرماقتا.

uyghurlar-saylamda-awaz-bermekte-385.jpg
تۈركىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇرلار ئاۋاز بەرمەكتە. 2011-يىلى 12-ئىيۇن. (RFA/Erkin Tarim)

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2009-يىلى مەيدانغا كەلگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردىڭ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدىكى پارتىيە پروگراممىسىدا خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئاسىيانىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان خىتاي، ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋام قىلىمىز. بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي مۇناسىۋىتىمىز تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. يېڭى ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى داۋام قىلىمىز».

بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ سايلام ۋەدىلىرىنىڭ ئىچىگە قويۇلۇشى بولۇپ، بۇ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

بۇ سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە زىيالىيلىرى قانداق قارايدۇ؟ يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى قانداق بولار؟