تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

2009 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى كەچتە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە كېلىپ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى. پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى شۇنداقلا تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ئەربابلاردىن بىرى.

0:00 / 0:00

جەلال ئەرباي شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە كېلىشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىغىمۇ تېلېفۇن ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۇچرىشىدىغانىلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 60 كە يېقىن كىشى پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباينى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەتلىك جەلال ئەرباي ئۇ كۈنى ئىككى تەشكىلاتنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ۋە ئۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "قايغۇ ئىچىدە كۈتۈۋالغان روزا ھېيىت بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئىچكى ئالەمدىكى ئىگىدارچىلىق يەنى ئەقىدىسىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئۇزاقتا بولسىمۇ ۋەتىنىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئەۋلادلىرىڭلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ روھىي مەنىۋىيەتلىرىڭلارغا ئىگە بولۇپ يېتىلىش ئارزۇسىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئىچىدە نەچچە قېتىملاپ بايراملارنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىلەكداشمەن."

جالال ئەرباي ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارغا پىتنە - ئىغۋالارغا ئەگەشمەسلىك، ئىناق ئىتتىپاق بولۇش ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن بۈگۈن ئۆزەمنى ئىنتايىن خۇشال ھېس قىلىۋاتىمەن، بىر مىللەتنى يوق قىلىشنى خالىسىڭىز ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىگە ئىختىلاپ ‏- تەپرىقىچىلىك ئۇرۇقىنى چاچىسىز، بۇ بىر ھەقىقەت. بۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئەلۋەتتە غۇربەت ئىچىدە، ئەزىيەت ۋە جاپا ‏- مۇشەققەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، غۇربەتتە بولۇشنىڭ قانداق مەناسى بارلىقىنى مەن بىلىمەن. گەرچە ۋەتىنىمدىن سۈرگۈن قىلىنمىغان بولساممۇ ياش ۋاقتىمدا تەتقىقات ئۈچۈن قاھىرەگە بارغان ئىدىم، يەنى ئۆيدىن ئايرىلىش، ئائىلىدىن ئايرىلىشنىڭ جاپاسىنى بىلىمەن، سىلەر ۋەتەندىن ئايرىلدىڭلار، ئانا يۇرتتىن ئايرىلدىڭلار، نېمە ئۈچۈن ئايرىلدىڭلار؟ پەقەت روھىي، مەنىۋىي ئەركىنلىكىڭلارنى ئۆز ئىخىتىيارىڭلار بويىچە ياشىيالمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەقىدەڭلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ قۇلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇپ ياشاش يولۇمنى داۋام قىلىمەن دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن ئەجدادلىرىمنىڭ يولىدا ماڭىمەن، ئۇلار مېنىڭ رەھبەرلىرىم دېگىنىڭلار ئۈچۈن، مەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نەۋرىسى دېگىنىڭلار ئۈچۈن سىلەر بىر زۇلۇمغا، بىر ئەزىيەتكە، جاپا ‏- مۇشەققەتكە دۈچ كەلدىڭلار ۋە بۇ زۇلۇم ۋە ئەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاستىدا ئېزىلمەسلىك ئۈچۈن ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلدىڭلار. سىلەرنىڭ نېمە قانداق جاپا چەككىنىڭلارنى مەن بىلىمەن، ھازىرمۇ بۇ يەردە ئەزىيەت ۋە جاپا ‏- مۇشەققەت ئىچىدە ياشاۋاتىسلەر، بۇ ۋەزىيەتتە تۇرۇپ پىتنە ‏- پاسات تېرىپ بىر ‏- بىرىمىز بىلەن قارشىلىشىشنىڭ، بىر بىرىمىزنى نارازى قىلىشنىڭ بىر ‏- بىرىمىزنى ھاقارەتلەشنىڭ ھېچ قانداق مەناسى يوق. بۇنى ھېس قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى بىر يەرگە توپلىنىپ بۇ بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەنلىكىڭلار مېنى خۇشال قىلدى، مەن ئۈزەمنى ئىنتايىن خۇشال ھىس قىلىۋاتىمەن، ئاللاھقا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن. مەن سىلەردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى، بىر بىرىمىزنى سۆيەيلى، ئۈزىمىز ئۈچۈن خالىغاننى باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ خالايلى، ئۆزىمىزگە راۋا كۆرمىگەنلىرىمىزنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمەيلى، ھەقىقەتەن بۇ بىزنىڭ كۆڭۈل بىرلىكىمىزدىن كۆڭۈل قېرىنداشلىقىمىزنىڭ ئەسلى بىزنىڭ كۈتكىنىمىز، ئۈمىدىمىز ئاللاھ ۋە روسۇلى ئۆگەتكەن قېرىنداشلىقتۇر. قېرىنداشلىق ئۈچۈن تىلنىڭ، مىللىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشى شەرت ئەمەس. مەن بۇ سىلەرنىڭ بىرلىك بارابەرلىكىڭىلاردىن خۇشال بولدۇم، ئىپتىخارلاندىم، بۇنىڭ داۋام قىلدۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن."

پروفېسسور دوكتۇر جەلال ئەرباي يەنە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھېچ كىمنىڭ يوق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىم بۇ يەردىكى چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى يېتىشتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم، مەكتەپ بولمىسىمۇ مەدەنىيەت ‏- ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. مەن 5 6 يىل ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچنى ئائىلىسىگە تېلېفۇن قىلىپ ئۇچراشتۇردۇم، ئۇ ئوقۇغۇچىمنىڭ ئانىسى تېلېفوندا كىچىك ئوغلىنىڭ قۇرئان كىرىمنى ياد ئالغانلىقىنى يەنى قارىي بولغانلىقىنى بىلدۈردى، مەن بۇنى ئاڭلاپ ئىچىمدە شۇنداق ئويلىدىم. ئەگەر ئۇنچىۋالا زۇلۇم، ئۇنچىۋالا ئەزىيەت بولىۋاتقان بولسىمۇ ئۇ يەردە بىر كىچىك بالا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ قارىي بولالىغان بولسا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ساھىبسىز قالماس. بۇ داۋانى ھېچ كىم يوق قىلالمايدۇ، يوق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، سىلەر بىلەن بىر يەردە بولۇش مەن ئۈچۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىر ئىش، ئىلاھىم سىلەرگە بولغان سۆيگىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي، مەن سىلەرنىڭ بۇيرىقىڭلارنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر قاچان خىزمەتلەرگە تەييار تۇرغان بىر قېرىندىشىڭلار. مەن سەمىمىيەت بىلەن شۈنى تەۋسىيە قىلىمەن، دۆلىتىمىزنى قۇرالمىدۇق، ئەمما دۆلىتىمىزنى قەلبىمىزدە قۇرالايلى، قەلبىمىزدە قۇرغان ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولايلى، ئىشنى بۇ يەردىن باشلايلى بۇنىڭ ھېچ قانداق چەكلىمىسى يوق، ئەگەر ئۇنى قۇرغان تەقدىردە ئاللاھ بىزگە دۆلىتىمىزنى نېسىپ قىلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ روزا ھېيت بايرىمىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، ئاللاھ يەنە ئۇلۇغ بايراملارنى بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.