تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇت ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

11-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىق ياقۇت ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسەت تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سوڭ چۇياڭنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختالغاندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

0:00 / 0:00

بۇ خەۋەر مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن ئەنقەرەگە كېلىپ سادىق ياقۇتقا رەخمەت ئېيتتى. سادىق ياقۇت پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ھەيئەتنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

40 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ سۆزلەر بولدى.