بۇ ھەيئەتنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىقلار قوبۇل قىلغاندىن باشقا، تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى كۆكسال توپتانمۇ ئۇلارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قۇبۇل قىلغان ئىدى. خىتاي ھەيئىتىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بۇ پائالىيەتلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تېلېۋىزىيىسى نەق مەيداندىن تارقىتىلغان ئىدى .
تۈركىيە پارلامېنتى باشلىقى كۆكسال توپتاننى تەبرىكلەش بىلەن سۆزىنى باشلىغان خىتاينىڭ سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باشلىقى جىيا چىڭلىن تۈركىيە بىلەن دۆلىتىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى مۇقىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە مىڭ يىلدىن بىرى يىپەك يولىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان سۆز شۇكى : جىيا تۈرك پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە ئولىمپىك جەريانىدا شەرقىي تۈركىستانلىق بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ياردىمىگە رەخمەت ئېيتتى.
ئولىمپىك جەريانىدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان ئىستانبۇلدا ئانچە كۆپ توسالغۇغا ئۇچرىماي نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغان تۇرسا، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان تۇرسا، جىيا چىڭلىننىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانچىلارغا قارشى كۆرسەتكەن ياردىمىگە رەخمەت ئېيتىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ قوبۇل قىلمايدىغان تۇرسا، جىيا چىڭلىن ئېيتقان تېررورىستلارغا قارشى مۇجادىلىدا ھەمكارلىشىش تۈركىيە ئۈچۈن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ 100 كىشىلىك خىتاي ھەيئىتىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا نېمىلەر بار؟
بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.