تۈركىيىنىڭ تەك رۇمەلى تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلەپ يىغىن - مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش، نامايىش قىلىش، كۆرگەزمە ئېچىش دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رادىئو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى تەك رۇمەلى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «ئامەت دەرىخى» ناملىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى.

بۇ پروگراممىغا تەك رۇمەلى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خادىمى ئايبالا پۇلاتخانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپى رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى، رىياسەتچىنىڭ، خەلقئارا قانۇن جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قانداق قاراش لازىم؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەسىلىلىرىمىزگە ئاخباراتلار ئوچۇق ھالدا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، خىتاي ئىقتىسادى كۈچى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ بولدى، بىز ياۋرۇپادا، ئامېرىكىدا ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ پائالىيەت قىلالايمىز. بىز خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان ئاجىز دۆلەتلەردە ھېچقانداق پائالىيەت قىلالمايمىز. ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بىر ۋەزىيەتتە ياشايدۇ. بىز، ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا، ئۇ دۆلەتكە زىيان يەتكۈزمىگەن ھالدا پائالىيەت قىلىشىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. رەھمەتلىك دادام ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن «تۈركىيە تۈركلەرنىڭ يىگانە ئۈمىدى، ھۆر قەلئەسى، تۈركىيىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ھالدا پائالىيەت قىلىڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئىدى.

ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ يەنە، دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دېگەن ھامان كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە تېررورلۇق سۆزى كېلىدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:، 11 - سىنتەبېر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورلۇق بەك مەشھۇر بولدى. خىتاي ئۆزىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاددى بىر پائالىيەتنىمۇ تېررورلۇق دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە تېررورلۇق پائالىيىتى قىلىدىغان ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر يوق ئارىمىزدا، ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان بومبا پارتلاشلارنى خىتايلار ئۆزى قىلىپ، ئۇ ئەتراپتىن بىر قانچە ئۇيغۇرنى تۇتۇپ قامايدۇ ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇ ۋەقەلەرنى چەتئەلدىن بىر گۇرۇپپا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلسا خىتاي رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ پارتلاشلارنى خىتاينىڭ ئۆزى قىلغانلىقى پاش بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى يۈز بەرمىدى. كونسۇلخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئالمىدۇق، ئۆلتۈرمىدۇق، نېمە قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تېررورچى بولدۇق، بۇنى بىزمۇ چۈشىنەلمىدۇق. بىز ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق بىر ھەرىكەتكە قاتناشمىدۇق، بىز پەقەت بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتلاردا ئۇ ۋەقەگە قارشى نامايىش پائالىيىتى قىلدۇق، چۈنكى ئۇ ۋەقەلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ ئىنسانلىق ھەق - ھوقۇقىمىز. بۇ خىل پائالىيەتلەر تېررورلۇق ھېسابلىنىدىغان بولسا پۈتكۈل دۇنيا تېررورچى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان بولسا پۈتكۈل دۇنيا ئىنسانلىرى تېررورچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار خالىغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىدۇ، تۇتۇپ قامايدۇ، دۆلەت تېررورلۇقنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئەسىلىدە ئۇلار ئۆزلىرى. خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزدە بىر مەسىلە يوق. خىتاينىڭ دېگىنى توغرا بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا روخسەت قىلمايدۇ؟ خىتايلار ئۆزلىرى ئىشلىگەن جىنايەتلەرنى بىزگە ئارتىدۇ.

ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە رىياسەتچىنىڭ، سىز بىر ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مەسىلىنىڭ قانداق بىر قانۇنىي يول بىلەن ھەل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلاۋاتىسىز؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: قانۇنىي يول بىلەن ھەل بولۇشى ئۈچۈن ھۆر دۇنيا ناھەقچىلىك قىلماسلىق كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتايغا ھېچكىم بېسىم قىلالمايدۇ، بىر دۆلەت بېسىم قىلغان ھامان، خىتاي ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشماڭلار، دەيدۇ. تۈركىيىگە كېلىپ تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارغىمۇ بېسىم قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي مۇناسىۋەت ئورناتقان كۆپىنچە دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىمىز.

ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە رىياسەتچىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلغاندا تۈرك دۇنياسىدىكى قانۇنشۇناس ۋە ئادۋوكاتلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىكىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن تۈرك دۇنياسىدىكى پۈتكۈل ئاكادىمېكلار ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشىمىز كېرەك. ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، خىتاي رەت قىلالمايدىغان شەكىلدە دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلاپ، دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي بىر كۈنى ئۇ يەردىكى ئىنسانلارغا بېسىم قىلىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. تىبەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچ ئاساسلىقى بۇددىستلارنى تەشكىل قىلىدۇ. تىبەتلەر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇردى، خىتايغا نىسبەتەن ھۆرمەتلىك دالاي لامامۇ تېررورچى دەپ قارىلىدۇ. پۈتكۈل بۇددىستلارنىڭ روھانى پىشىۋاسى، قانداق بولۇپ تېررورچى بولدى، نېمە ئىش قىلدى، تىررورلۇق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن. بۇددىست دۇنياسىنىڭ قىلغىنىنى، توغرا سېستىما بىلەن قىلىدىغان بولساق بىزمۇ قىلالايمىز، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، تاغلىق قاراباغ ئۈچۈن، مۇسۇل ۋە كەركۈك تۈركلىرى ئۈچۈن بىزمۇ قىلالايمىز، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە بولساق، مۇۋاپپەقىيەت قازىنالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يىغىن - مۇراسىملار ئۆتكۈزۈشنى باشلىدۇق، خەلقئارالىق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ يىغىنلىرىمىز مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلسە شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن چوڭ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن.