تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە قازاق تەشكىلاتى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەر تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى قازاقىستاننىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتايغا بېرىۋېتىشنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«قازاقىستاننىڭ بۇنداق قىلىش ئېھتىمالى يوق. نېمىشقا بۇنداق دەيمەن دېسىڭىز ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن توختامنامىلىرىغا قول قويغان قازاقىستاننىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. قازاقىستان بۇ توختامنامىلارغا قول قويۇپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ بۇ قازاقىستان خىتاي بىلەن تۈزگەن بەزى توختامنامىلارغا تايىنىپ تۇرۇپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا بۇنداق قىلىشى ئىنسان ھەقلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. بىر دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ھامان بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈن قانۇن ۋە قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. قازاقىستان بۇرۇندىن تارتىپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە».

ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى قازاقىستاننىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى خەلقئارانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش كېرەكلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«ئەمدى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش. يېقىندىن بېرى قازاقىستانغا پاناھلانغان ئۆزبېكلەرنىمۇ قازاقىستان ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا ئۆزبېكلەرنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشى چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال».

ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاي ئەيىبلىگەن «جىنايەتنىڭ جىنايەت ھېسابلانمايدىغانلىقى»نى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىنى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن 2 خىل چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى ئۇچۇر ئەركىنلىكى، ئىككىنچىسى بولسا بىراۋ ئەگەر بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە بىر ئىش كۆرسە ئۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۇ كىشىنىڭ ئىنسانىي ۋەزىپىسىدۇر. ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى توختامنامىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىدە پۈتۈن ئىنسانلار ئۇچۇر ئېلىش ئۇچۇر تارقىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. خىتاينىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا مەلۇمات بەردىڭ دەپ تېررورچى ئېلان قىلغانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. بۇ پەقەتلا دىكتاتور دۆلەتلەرگە خاس بىر ئىش».

شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپجان ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قازاق بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، نېمە بولسا بولسۇن ئىنسان ھاياتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامى ئاستىدا ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. قازاقىستاندا پاناھلانغان كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خاتا. مەن ئەجدادىمىز بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قازاقىستاننىڭ قاتىل خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى».

ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ بۇكسۇر دېگەندەك قازاقىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى نېمىلەرنى قىلماقچى؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرككە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.