تۈركىيە گېزىتلىرىدە قەشقەر ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئوبزور

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمى قەشقەر ئۆيلىرىنى چېقىش قارارى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا. دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكىگە ئوخشاش تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە كۆپلەپ خەۋەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.06.12
Rabiye-we-qeshqer-heqqide-obzorlar-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 - ﯞﻩ 10 - ﻛﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ "ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻓﻪﻕ" ﯞﻩ "ﯞﻩﺗﻪﻥ" ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ.
RFA Photo / Erkin Tarim

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۈركىيىدىكى "ۋەتەن" گېزىتىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "يېڭى شەفەق" گېزىتىدە بولسا قەشقەر ھەققىدە ئىككى چوڭ ئوبزور ئېلان قىلىندى.

ئوبزورچى ئاكىف ئەمرە ئەپەندىنىڭ " يېڭى شەفەق" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "قەشقەر يوق بولماستىن" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قەشقەر دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتكە ئىگە شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۈرك خەلقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى چېقىشىنى توختىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.

ئوبزورچى مىنە قىرىققانات خانىم "رابىيە غاززىلىك بولمىغاچقا " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختالغان.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇ ئىككى ئوبزوردىن ئارىيەلەر تونۇشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.