تۈركىيە گېزىتلىرىدە قەشقەر ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئوبزور

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمى قەشقەر ئۆيلىرىنى چېقىش قارارى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى تارتماقتا. دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىكىگە ئوخشاش تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە كۆپلەپ خەۋەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۈركىيىدىكى "ۋەتەن" گېزىتىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "يېڭى شەفەق" گېزىتىدە بولسا قەشقەر ھەققىدە ئىككى چوڭ ئوبزور ئېلان قىلىندى.

ئوبزورچى ئاكىف ئەمرە ئەپەندىنىڭ " يېڭى شەفەق" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "قەشقەر يوق بولماستىن" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قەشقەر دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيەتكە ئىگە شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۈرك خەلقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرنى چېقىشىنى توختىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.

ئوبزورچى مىنە قىرىققانات خانىم "رابىيە غاززىلىك بولمىغاچقا " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختالغان.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇ ئىككى ئوبزوردىن ئارىيەلەر تونۇشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.