تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيت تىلەكلىرى

ھۈرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئون توققۇزىنچى ئاۋغۇست كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلمان مۇقەددەس رامىزان ئېيىنى ئىبادەت ۋە ساخاۋەت بىلەن تاماملاپ، روزى ھېيتنى تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.

0:00 / 0:00


بۇ مۇبارەك كۈندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ھېيت نامىزىنى ئىسلامنىڭ شەرتلىرى بۇيىچە كوڭۇللۇك ئوقۇش، شۇنداقلا نامازدىن يېنىپ قەبرىستانلىققا بېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان ۋە دوست - يارەنلىرىنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ قىرائەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ روھىغا خۇدادىن شاتلىق تىلەشتىن شۇنداقلا بىر - بىرى بىلەن ھېيىتلىشىش ئارقىلىق ھال - ئەھۋال سوراش، ئاداۋەتنى تۈگىتىش ۋە ئۆز - ئارا ياردەملىشىشنى كۈچەيتىشتىن شۇنداقلا يېتىم - يېسىر، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت. روزى ھېيىت بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھېيىتلىق توپلاش، ئويۇن - تاماشا، خۇشاللىق ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆگىنىش دېمەكتۇر. بۇ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋىي خوشاللىقتۇر.

بۇلاردىن باشقا، ھەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن خۇدادىن تىلەيدىغان ئارزۇ - تىلەكلىرىمۇ بار. ئۇنداقتا، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ۋە دىن مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھېيىتنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن تىلەكلىرى نېمە؟ ئۇيغۇرلار بۇ روزى ھېيىتنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۇيغۇرلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.