تۈركىيە - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە تارىخىي ۋە جۇغراپىيىۋى ئىستراتېگىيىلىك ئىختىلاپلار بىلەن تولغان مۇناسىۋەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن يېقىندىن بېرى تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچىيىشكە باشلىدى.

0:00 / 0:00

رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېفنىڭ 11 - چېسلا سەيشەنبە كۈنى باشلانغان تۈركىيە زىيارىتى بولسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىشنىڭ بىشارىتى دەپ قارالماقتا.

رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېف تۈركىيىنى ئىككى كۈنلۈك زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل بىلەن ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك ۋە ساياھەت ئىشلىرىغا ئائىت بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىمزالانغان ئەڭ مۇھىم كېلىشىملەرنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەت ساياھەتچىلىرىگە ۋىزا تەلەپ قىلىشنى بىكار قىلىشتۇر. پرېزىدېنت مېدۋېدېف بىلەن تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللا گۈل ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي سۆھبەتتە تەرەپلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەر قايسى ساھەلەردە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيىلىك سەۋىيىگە يەتكۈزۈشكە دائىر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. مېدۋېدېف چارشەنبە كۈنى ئابدۇللا گۈل بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ئىككى ئەلنىڭ مۇناسىۋىتىگە باھا بېرىپ، رۇسىيە‏ - تۈركىيە مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان "جىددىي ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيىلىك تۈس ئالغانلىقىنى" ھەم ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشالايدىغان ساھەلەردە "زور پۇرسەت" بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئابدۇللا گۈل بولسا "رايوندىكى مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراش جەھەتتىكى ئورتاقلىق، تەرەپلەرنى مەمنۇن قىلغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىلەردە ئۈزلۈكسىز بىرگە ئىشلەشكە قوشۇلغانلىقى" نى شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ "سودا ھەجىمىنى كەلگۈسىدە 5 يىلدا 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن. مېدۋېدېف بولسا "رۇسىيە‏ - تۈركىيە ئارىسىدا 30 كۈنلۈك ساياھەت ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى" نى تارىخىي كېلىشىم دېگەن.

تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ تارىخىي ئىتتىپاقدېشى شۇنداقلا ش ئا ئە ت دىكى بىردىن - بىر مۇسۇلمان دۆلەتتۇر. غەربكە يۈزلىنىش تۈركىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئاز كەم 90 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان سىياسىتى ئىدى. لېكىن مېدۋېدېفنىڭ زىيارىتى ۋە تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ئۆزگىرىش بەزى كۆزەتكۈچىلەردە تۈركىيە ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش نىشانىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە يېڭى بىر ئىتتىپاقداش ئىزدەۋاتامدۇ ؟ دېگەن گۇمانلارنى قوزغىماي قالمىدى.

لېكىن، تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى دوكتور سىنان ئوگان بۇ تۈركىيىنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە يېڭى ئىتتىپاقداش تېپىش يولىغا كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. سىنان ئوگان، "تۈركىيىنىڭ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى يېڭى چىقىش يولى ئىزدەش دەپ قارالماسلىقى كېرەك. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىدىن ۋاز كەچمىدى. لېكىن تۈركىيىنىڭ يېقىن ئارىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس. تۈركىيىنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئالغا سۈرۈشى ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان .... تۈركىيىنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشى ئۇنىڭ مەلۇم بىرسىگە قارشى بىر گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇش خىيالىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس. خىتاينىڭ كۈچىيىشى، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە تۈركىيىنى ئالدىرىتىپ قويدى. بۇ ئۈچ كۈچ ئارىسىدا خىتايغا قارشى ئۆز ‏ - ئارا يېقىنلىشىش مۇساپىسى بار. بۇرۇن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تۈركىيىنىڭ رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشىنى خالىمايتتى. ھازىر بولسا بۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلمايدۇ. ھەتتا بەزىدە ئۇلار ئارىسىدىكى يېقىنچىلىقنى قوللايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى ئەلنىڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئورتاقلىقلارنى تەكىتلەپ، پەلەستىن، ئىران مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنى يادروسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە پوزىتسىيىسىنىڭ بىر ‏ - بىرىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھەلەرنىڭ يەنە بىرى، تۈركىيىگە رۇس تەبئىي گازىنى سېتىش مەسىلىسىدۇر.

لېكىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە مەنپەئەت جەھەتتىكى بەزى ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارىسىدا يەنىلا مۇناسىۋەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان بەزى ئىختىلاپلار مەۋجۇت. بۇ ئىختىلاپلار رۇسىيىنىڭ گروزىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسىتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشى، ئەرمېنىيە ۋە قاراباغ مەسىلىسى، كۇرتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر دائىرە مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە مەركىزىدىكى دوكتور سىنان ئوگان بولسا، رۇسىيىنىڭ كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى رۇسىيە خىتاينى شاڭخەي گۇرۇھىغا كىرگۈزۈپ، زور ئىستراتېگىيىلىك سەۋەنلىك سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا قۇرۇلغاندا رۇسىيە زور ئىستراتېگىيىلىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزدى. خىتاينى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇ تەشكىلاتنى قوللىنىپ، تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولدى. بۈگۈن خىتاي بىلەن رۇسىيە بىر - بىرىنى ئىستراتېگىيىلىك شېرىك دەپ قارىماقتا. لېكىن رۇسىيىنىڭ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىدىن سورىغىنىمىزدا ۋە ياكى رۇسىيىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىگە قارىغىنىمىزدا، رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى خىتاي. كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچى رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا تەھدىت سالىدۇ. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئارتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە خىتايغا ئۆزى يالغۇز قارشى تۇرالمايدىغان ئەھۋالغا كېلىپ قالىدۇ. رۇسىيە خىتايغا قارشى ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ، بۈگۈن ياكى ئەتە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار ئەمەس. بۇ، كەلگۈسى 15 - 20 يىلدا يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەردۇر.

رۇسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقەلەردە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دۆلەت. 1933‏ - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ياكى 1944 ‏ - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايغا قوشۇۋېتىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى "شىنجاڭ" مەسىلىسىگە ئارىلىشىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن. 2009‏ - يىلى 5‏ - ئىيۇل "ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دە رۇسىيە ھۆكۈمىتى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن، تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى سىنان ئوگان ئەپەندى بولسا، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە رۇسىيىنىڭ "شەرقىي تۈركىستان" مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، "شەرقىي تۈركىستاندا ۋەقە يۈز بەرگەندە رۇسىيە جىم تۇرۇۋالدى، ھەتتا خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللىدى. لېكىن بۇ، بۈگۈن ئۈچۈن شۇنداقتۇر. ئالدىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى رۇسىيە تەرىپىدىن قوللايدىغان بىر ۋەزىيەتكە كېلىدۇ. تۈركىيە بۇرۇندىن تارتىپ قوللاۋاتقان. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان تۈركىيە ئىچكى سىياسىتىدىكى نازۇك بىر مەسىلە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشقىچە چۈشەنسىمۇ، لېكىن تۈركىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قاراپ تۇرمايدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ يېقىنلىشىشى قىسقا مۇددەتتە بولمىسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.