تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك تەنتەربىيە زالىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتايدا پارتىيە باش سېكرىتارلىق نامزاتلىقىغا نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 946 ۋەكىلدىن 924 نىڭ رايىنى ئېلىپ پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلاندى.

سائادەت پارتىيىسىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك بۇ قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش سېكرىتارى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشتى.

سائادەت پارتىيىسى سابىق باش مىنىستىر، پېشقەدەم سىياسەتچى نەجمىدىن ئەرباقان قۇرغان پارتىيە بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بۇ پارتىيىدىن بۆلۈنۈپ چىققان كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدى. نەجمىدىن ئەرباقاندىن كېيىن رېجائىي قۇتان پارتىيە باشلىقى بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى پارتىيە باشلىقلىقىغا سايلاندى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندىنىڭ ھازىرقى باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا رەقىپ بولالايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي سايلامدا سائادەت پارتىيىسىنى پارلامېنتقا ئېلىپ كىرەلەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى سائادەت پارتىيىسىنىڭ بۇ بۈيۈك قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى تەكلىپ قىلىشى بۇ پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بەرگەن ئەھمىيىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بىز قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىل ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.