خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆمەكلەر بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىدىكى مەقسەت نېمە؟

27-نويابىر كۈنى جەنۇبىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا ھاۋا قاتنىشى يولغا قويماقچى.

0:00 / 0:00

بۇرۇن ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە يولۇچى توشۇيتتى. بۇ يىل 7-ئايدا خىتاينىڭ خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ھەپتىدە 4 كۈن ئۈرۈمچىدىن ئۇيغۇر ساياھەت ئۆمەكلىرى تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارنى كۈتىۋېلىۋاتقان ساياھەت شىركەتلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەر ئاي تۈركىيىگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ساياھەتچى سانى 300 ئەتراپىدا ئىكەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز ساندا قازاق ۋە قىرغىزلارمۇ بار ئىكەن. ئۇيغۇر ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپى ياشىنىپ قالغان ۋە پېنسىيىگە چىققان كىشىلەر بولۇپ ئاز ساندا تىجارەتچى ھەم باشقا ساھەدىكى كىشىلەرمۇ بار ئىكەن . ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قاراماي بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ساياھەت ئىدارىسى بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ساياھەتچىلەر تۈركىيىدىن كەتكۈچە ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنىپ، ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

يەنە ساياھەت شىركەتلىرىدىن بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 7-ئايدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ساياھەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن يەتتىسى قېچىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرى ساياھەت شىركىتىدە ئىكەن. ئۇزۇندىن بېرى تۈركىيىگە ئۇرۇغ-تۇغقان يوقلاشقا كېلىدىغان ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بەرمەيۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە ساياھەت ئۆمىكى ئاپىرىشىغا رۇخسەت بېرىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قانداق تەسىرى بولار؟ خىتاي ئۇيغۇرلارنى تۈركىيىيە كېلىشكە رۇخسەت قىلىشى بەزى ئۇيغۇرلار ئويلىغاندەك ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشىيەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياخشىلىقىمۇ ياكى بۇ ھەق ئۇيغۇرلار ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ھەققىمۇ؟

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە تۈركىيىدىكى زىيالىيلاردىن ئابدۇررېشىت ئەپەندى ۋە دوتسېنت ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇررېشىت ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تەھلىلىدە دۇنيادا ساياھەت ئەركىنلىكى ئەڭ كۆپ چەكلەنگەن مىللەتلەردىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى، پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنىپ بولسىمۇ تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ چەتئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىشىنىڭ جاڭ چۈنشىيەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياخشىلىقى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.