تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا دېئالوگ شېرىكى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقچى
2012.06.05

«جاھان» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ تۈركىيە «زامان» گېزىتىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن گوپىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئافغانىستان چېگراسىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ بۇ رايوندا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. چېن گوپىڭ باياناتىدا يەنە تۈركىيىنىڭ دېئالوگ شېرىكى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ تۈركىيە ۋە ئافغانىستان ئۈچۈن شۇنداقلا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرگە ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشكە ياردىمى تېگىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي يىغىنىدا تۈركىيىنىڭ دېئالوگ شېرىكى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئالىي يىغىنىدا كۈن تەرتىپكە قويۇلىدىكەن.
2001-يىلىدا قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2005-يىلىدىن تارتىپ كۆزەتكۈچى دۆلەت، 2009-يىلىدىن تارتىپ يېڭى دېئالوگ شېرىكى دۆلەت قوبۇل قىلماقتا. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا ئىران، پاكىستان ۋە موڭغۇلىيە كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتناشماقتا.
بېلورۇسىيە ۋە سىرلانكا 2010-يىلى، تەشكىلاتنىڭ دېئالوگ شېرىكى بولغان ئىدى. ئىران، ھىندىستان ۋە پاكىستان تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇندى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تۈركىيىنىڭ دېئالوگ شېرىكى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
تۈركىيىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟ كېيىنچە تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ قوبۇل قىلىنارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.