تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسدا دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا بولدى.

11 - مارت كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ تۈركىيىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تارىخى مەسىلىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن نام بىلەن قارار ئالغانلىقى تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010-03-15
Share
turkiye-shiwitsiye-elchisi-305 ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺯﻩﺭﮔﯜﻥ ﻛﯚﺭﯛﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﯩﻢ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺳﺘﻮﻛﮭﻮﻟﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ. ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
AFP Photo

تۈركىيە قارار ماقۇللانغان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ستوكھولىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە چاقىرىپ ئەكەتتى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى يۈز بەرگەن تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەر ئارىسىدىكى تارىخى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھىسىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى سولچىلار گۇرۇھى دەپ ئاتالغان ئۆكتىچى پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان بولۇپ، 11 - مارتتىكى ئۇزاققا سوزۇلغان تالاش - تارتىشلاردىن كېيىن بىر ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللانغان. بۇ تەكلىپ لايىھىسىگە قارىتا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىلەرگە مەنسۇپ بولغان 4نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قارار ماقۇللانغان. قارار ماقۇللانغان شۇ كۈنى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات ساھاسىگە بايانات بېرىپ، پارلامېنتنىڭ چىقارغان بۇ قارارىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "تارىخى مەسىلىنى پارلامېنتتا قارار چىقىرىش ئارقىلىق سىياسىيلاشتۇرۇش پۈتۈنلەي خاتا ئۇسۇل، بىز پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىدىن ھەيران قالدۇق".

 شىۋېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ناھايتى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە بىلەن ناھايتى ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋېتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ياخشى مۇناسىۋېتنىڭ ئارقىسىدا مەلۇم تارىخى سەۋەبلەرمۇ بار بولۇپ، شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل 12 1709 - يىلى پولتاۋادا رۇسلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قاتتىق يېڭىلگەندىن كېيىن، ئامان قالغان بىر قىسىم ئادەملىرىنى باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق ھازىرقى مولداۋىيىگە قېچىپ بارغان. كارىل 12 ئۇ يەردە 4 يىل تۇرغاندىن كېيىن ساق - سالامەت شىۋېتسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1737 - يىلى شىۋېتسىيە بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ شىۋېتسىيە بىلەن تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە شىۋېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ دىپلوماتىك سۈركىلىش قارماققا ناھايىتى قاتتىقتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇزاققا قالماي يەنە ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن. چۈنكى شىۋېتسىيە بازارلىرى تۈركىيىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە مۇھتاج بولسا، تۈركىيە شىۋېتسىيىدىن ھەر يىلى تۈركىيىگە كېلىدىغان 500 مىڭ ئەتىراپىدىكى ساياھەتچىلەرگە مۇھتاج بولىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت