تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان سايلام ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۈركىيىدە ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىلماقچى. 4 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ سايلامدا چوڭ شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى، رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ باشلىقلىرى دېموكراتىيىلىك بىر شەكىلدە سايلاپ چىقىلىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ يىلقى سايلامغا 19 سىياسى پارتىيىدىن نامزاتلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ سىياسى پارتىيىلەرنىڭ نامزاتلىرى خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلىپ ئۆزلىرىنى ۋە خىزمەت پىلانلىرىنى ئاڭلاتماقتا.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ سايلامنى پۇرسەت بىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

يېقىندا تۈركىيىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىغان قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەمەت ئاسېكى ئەپەندى ۋە باشقا پارتىيىلەرنىڭ شەھەر باشلىقى نامزاتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە راي بېرىشىنى سورىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەۋلەت باغچىلى قاتارلىق كىشىلەر سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.