2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «سۈرىيە دوستلىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. سۈرىيە دوستلىرى يىغىنىغا 82 دۆلەت ۋە ب د ت، ئەرەب بىرلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئافرىقا بىرلىكى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىندا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلىپ، «بىگۇناھ ئىنسانلارنى قەتلە قىلغانلار چوقۇم ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»، دېدى.
باش مىنىستىرى ئەردوغان سۆزىدە، يەنە «سۈرىيىنىڭ شەھەرلىرىدە ئەڭ زامانىۋى قوراللار ۋە ئەڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سۈرىيە خەلقىگە بۇ يەردىن سالام يوللايمەن. سۈرىيىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ ھەرگىز يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ھەرگىزمۇ ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى بۇ يەردىن، ئىستانبۇلدىن يەنە بىر قېتىم خاتىرلىتىمەن» دەپ تەكىتلىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە بۇنىڭدىن كېيىن ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ، كۇفى ئانناننىڭ تەكلىپىنى، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ، پۇرسەت كۈتۈش ئۈچۈن قوللىنىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك.
باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كۇفى ئاننانغا بەرگەن ۋەدىسى سۈرىيىدە ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىدى. ئەسەد رېجىمى ھازىرمۇ قان ئىچىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، رېجىم، بۈگۈنكى كۈنگىچە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچ بىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىدى. سۈرىيىدە خەلقنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنىڭ دەرھال ئورۇنلىشىنى خالايمىز. سۈرىيىدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇقىملىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك بەرپا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. سۈرىيە خەلقىنىڭ بۇ ھەقتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا تىلەكداشمەن. سۈرىيە خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سۈرىيە خەلقى ئۆز ئىرادىسىنىڭ يول خەرىتىسىنى ئۆزلىرى سىزىدۇ. بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئالغانلارمۇ بالدۇر ياكى كەچ بولسىمۇ چوقۇم جازالىرىنى تارتىدۇ.
سۈرىيىدىن قېچىپ تۈركىيىدە پاناھلانغانلارنىڭ سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ئەردۇغان، ب د ت نىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرغىچە 9 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 9 مىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئەتراپىمىزدىكى ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش مەقسىتىمىز يوق، ھېچ بىر دۆلەتتىن مەنپەئەت ئېلىشنى مەقسەت قىلمىدۇق. ھېچ بىر خەلقنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىشىشىدىن مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلمىدۇق.
يىغىندا يەنە سۈرىيە مىللىي كېڭەش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بورھان غاليۇنى ئەسەد رېجىمىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە رېجىمنىڭ قىلمىشلىرى تېررورلۇق. خەلقئارا جامائەتتىن تەلەپ قىلغان ئىستەكلىرىمىز، تەلەپكە لايىق دەرىجىدە ئورۇنلىشىشىنى خالايمىز. ھازىرغىچە ئورۇنلانغان تەلەپلىرىمىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز. ئەمما، ئەمدى سۆزلەشنىڭ ئورنىغا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلدى، سۈرىيە ئەركىنلىك ئارمىيىسىنى قۇراللاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز.