تۈركىيە ھەمىشە سۈرىيە خەلقىنىڭ تەرىپىنى تۇتىدۇ
2011.11.30
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى سۈرىيە خەلقىنىڭ بەششار ئەل ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئىنسانىي كرىزىس دەپ تونۇپ، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئۇلارغا يار يۆلەك بولۇپ كەلمەكتە.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن 2011-يىلى 29-نويابىر كۈنى سۈرىيە ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا شۇنى قىلىشقا، ھەتتا سۈرىيە خەلقىنى قوغداش يولىدا تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە رايون قۇرۇشقىمۇ ھازىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى30-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا «تۈركىيە سۈرىيە ئۈچۈن ھەر ئىشقا ھازىر» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيە خەلقىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىدىن بىئارام بولماقتا ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ھەر ئىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا. بۇ ئەلۋەتتە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك غەمخورلۇقتۇر. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلىنىڭ باياناتىدا، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، خەلقى بىلەن چىقىشىپ ئىش كۆرۈشتىن باشقا يولى يوقلۇقىنى، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە سۈرىيە ۋەزىيىتىنى ئوڭلاش ئۈچۈن ھازىرمۇ پۇرسەت بارلىقىنى، ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمىتى خەلقنى قىرىش ئىشلىرىنى داۋام ئېتىۋېرىدىكەن، تۈركىيە سۈرىيە خەلقىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھەرقانداق چارە قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئىمكانقەدەر ھەربىي يۈرۈش قىلىشتىن ساقلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق جاكارلىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيىگە قارشى ئېلان قىلغان جازانى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقى ئېنىق. ھەتتا تۈركىيىنىڭ «ھۆررىيەت» گېزىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيىگە قويغان جازاسىنىئەقىللىق جازا دەپ تەرىپلىگەن.»
تۈركىيە جازا سەۋەبلىك سۈرىيە خەلقىگە زىيان يېتىشىنى خالىمايدۇ
مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى بەلگىلىگەن جازاسىنى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئەتىسى دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قاراتقان مەخسۇس جازا قارارىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە مەركىزى بانكىسىدىكى ھېسابلىرىنى توڭلىتىش، سۈرىيىگە ساتىدىغان تاۋارلارنى توختىتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى باشلىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ خەلقنىڭ ئېھتىياجى بولغان، كۈندىلىك زۆرۈرىيەت قاتارىدىكى تاۋارلارنىڭ سۈرىيىگە كىرىشىنى توسمايدۇ. بۇ سۈرىيە خەلقىنى ئاسرىغانلىقتىن ئىدى. تۈركىيە شۇنداقلا ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۈركىيە تەرەپكە سەپەر قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئەمما تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان يولۇچى ئايروپىلانلىرى سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ.»