بۇ پروگرامما يېقىندا خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. بۇ پروگرامما ئۆلكە تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا ئۆلكە تېلېۋىزىيىسىنىڭ خادىمى سەلدا ئاتالاي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان رىياسەتچىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە بولغان كۆز-قاراشلىرى قانداق دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن دىنى ۋە مىللىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بار دەپ قارايدۇ، شۇ سەۋەبتىن، تۈركىيىنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد ۋە ئارزۇلار بىلەن كۈتىدۇ.
ئۆلكە تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ پروگراممىنى تارقىتىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن سۆھبەت پروگراممىسىنى بېرىش بىلەن بىرگە شاۋگۈئەن ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۆلكە تېلېۋىزىيىسىنىڭ نەق مەيداندىن تارتقان بۇ قېتىمقى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلىغا خىتاب قىلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېرەكلىك تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئۆلكە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق ۋەقە چىقىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ۋەقەگە ئالاقىدار ئىشەنچلىك ئۇچۇر ۋە كۆرۈنۈشلەرنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا جىددىي قاراپ ئۇچۇر ئېلىشتا ئاخباراتلارغا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟ خىتاينىڭ ئۆلۈم جازالىرىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەر ئېلىش كېرەك؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز، تۈرك ژۇرنالىست نەۋزات چېچەك ۋە تۈركىيە ئىنسانىي مۇداپىئە ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن ئادەم چېلىك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ژۇرنالىست نەۋزات چېچەك ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىگە قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ بۇ مەسىلىسىگە تۈركىيە بەك جىددىي قارىمايۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئىراق، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئارىلىشىۋاتىدۇ، ئۇ دۆلەتلەردە خەلقنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە جىددىي قارىمايۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتايدا ئۇزۇن زاماندىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر مەسىلە، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈركىيە بۇ مەسىلىگە قارىتا يېتەرلىك بىر ئىش قىلمايۋاتىدۇ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبلىرىدىن بىرى، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. لېكىن خىتاينىڭ داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر سىياسىتى بار، ئۇ بولسىمۇ قاچان ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قارار قىلسا، تۈركىيىدىن بىر ھەيئەت خىتايغا بېرىپ ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا شۇ ھامان قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما ئارقىدىن باشقا بىر ئۆلۈم جازاسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، يەنى خىتاي ئۆلۈم جازاسى بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ.
شۇ سەۋەبتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەق ۋە تەلەپلىرىگە قارىتا ئىش قىلىشى كېرەك. خەلقئارا جەھەتتە خىتاي بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە 4 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. بەلكى ئومۇمىي جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بىر شەكىلدە ئەركىنلىك بېرىشى. ئومۇميۈزلۈك خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە خىتاينىڭ قۇلاق سېلىشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
ئىنسانى مۇداپىئە ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئادەم چېلىك ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ھەيدەۋاتقان ماشىنىلار، قولىمىزدىكى قەغەز-قەلەملەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ماللىرى بولۇپ كەتتى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇسۇلمانلارنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشتىن توختاتسا، يەنى پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنى خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالماسلىققا چاقىرىق قىلسا، خىتاي قەتئىي ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلالمايدۇ. لېكىن بىز خەلق خىتاينى ئەيىبلەيمىز، تەنقىد قىلىمىز ئەمما خىتاي ماللىرىنى قوللىنىمىز. ئەگەر بىز خىتاي ماللىرىنى قوللانمىساق، ئۇ يەردە خىتاي ھېچ قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىر تال قىلىنىمۇ تەۋرىتەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى تۈركىيە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلسا خىتاي چوقۇم كەينىگە چېكىنىپ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ. چۈنكى 2 مىليارد مۇسۇلمان ۋە 60 ئىسلام دۆلىتى بۇ خىل بىر قارار ئالغان تەقدىردە خىتاي چوقۇم مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلالمايدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراش كېرەك. بىزمۇ قاراپ تۇرماستىن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلساق، قولىمىزدىكى خىتاينىڭ قەلەملىرىنى سۇندۇرالىساق، خىتاي چوقۇم ئارقىغا چېكىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن خىتاي ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرايدۇ بەلكى يۇنانىستانغا ئوخشاش ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولۇشقا ئۇچرايدۇ.