12-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيىىسىدە دۇنيا راپورى ناملىق پروگراممىدا ئۇيغۇر دىيارى تونۇشتۇرۇلدى. ژۇرنالىست ئايشە سۇبەركەر خانىم ئىشلىگەن پروگراممىدا ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۆرسىتىلگەن. تېلېۋىزىيىدە ئۇيغۇر باشلىقلار بىلەن خىتاي باشلىقلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئۇلار قىلغان سۆزلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيىدە ئابرۇي تىكلەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولارمۇ؟ تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان بۇ پروگرامما بىتەرەپ ئىشلەنگەنمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى مۇتەخەسسىس ۋە مەزكۇر پروگراممىنى كۆرگەنلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى قانچىلىك ياخشى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، دۇنيا جامائەتچىكىنىڭ بۇلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
0:00 / 0:00