0:00 / 0:00
پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۈگۈنگىچە بولغان ھېيت ئەنئەنىسى ئاڭلىتىلدى. «شەرقىي تۈركىستاندا قۇربان ھېيت» ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىمنىڭ ئۆيىدە تارتىلغان بولۇپ، ئۆيىدىكى ئۈستەلگە ھېيتلىق داستىخانغا تىزىشقا تېگىشلىك پۈتۈن نازۇنېمەتلەر تىزىلغان.

ئۇيغۇرلار بۇرۇن قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزەتتى؟ ھازىر قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟ قۇربان ھېيت ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىشنى خالىسىڭىز، تۈركىيىدىن ئەركىن تارىم تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىنى ئاڭلاڭ.