مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فاخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ ھەپتىلىك پروگراممىدا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پروگراممىغا ئىستانبۇلدىكى مىمارسىنان گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى قاتناشتى.
بۇ پروگرامما ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
پروگراممىدا پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى، شۇنداقلا ۋە خىتاينىڭ نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياجى تاشقى دۆلەتلەردىن تەمىنلەنمىگەن تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئىچكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.

پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسى ئامىل نېمە دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ۋەزىيەت ئۆزگەردى، خىتاي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن ئىزدىنىشكە باشلىدى. خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتە سىرتقا يۈزلىنىش، تاشقى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئادەتتىن تاشقىرى ئېھتىياجى بار، بۇ جەھەتتە خىتاي ئۈچۈن تۈركىيە مۇھىم بىر چىقىش نۇقتىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي تۈركىيىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى خىتايدىن تۈركىيىگە كۆپ ساندا ساياھەتچى كېلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان ئىدى ئەمما بۇ ئەمەلىيلەشمىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىقمۇ ئايرىم بىر مەسىلە. خىتاي تۈركىيىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ يەتتى، خىتاي ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ بىر چىقىش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى ۋە تارىختا بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى خىتايلار زادى بىلىدۇ.
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە قارايدىغان بولسا خىتاي تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتاي ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالمىدى. بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى، دەپ قارىمايمەن، ھازىر بۇ تەشكىلاتتا ئىلگىرىكى قىزغىنلىق قالمىدى، دېمەك خىتاي رۇسىيىگە قارشى يېڭى بىر ئىزدىنىش يولىغا كىردى. خىتاي تۈركىيىنى غەربكە يۈزلىنىشتە چىقىش نۇقتىسى دەپ قارايدۇ. بۇ، تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق، تۈركىيە بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىقتىسادى، سىياسىي جەھەتلەردە ۋە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى جەھەتتە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك».
پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى سىستېمىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا خىتاي ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقى، خاتىرجەم ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى خىتايلار تەرەپتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك».
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ قارىشىمچە ئەلۋەتتە ئىجابىي تەسىر قىلىدۇ، خىتاي تۈركىيىنى قانچە كۆپ بىلگەنسېرى بۇنىڭ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىجابىي تەسىر بولىدۇ، دەپ قارايمەن، ئىككى تەرەپلىمە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغان بىر شەكىلدە خەلقئارا مۇناسىۋەت جەھەتتە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقىنى، ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرى بىلەن ياشىشى، دىنى ئىبادەتلىرىنى ئەركىن ئادا قىلالىشى خىتاينىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىق كېرەك، تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بۇنى قولغا كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلغانسېرى ئوتتۇرىدىكى ئەندىشە يوقايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇ يەردە تۇغۇلغان مەسىلىلەر تۈركىيىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە كرىزىس پەيدا بولىدۇ، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەرەپتىن قارىغاندا، ئۇ يەردىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىز خاتىرجەم ياشايدۇ، ئىجابىي تەسىر بولىدۇ دەپ قارايمەن.»
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ خام ماددىغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، خىتاي نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى، ئوتتۇرا شەرقتىن، قازاقىستان ۋە رۇسىيىدىن ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتتىن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئېھتىياج كېسىلگەن تەقدىردە خىتاي قانداق قىلىدۇ؟ بۇنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك. خىتاي ئۆزىنىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتلارنىڭ، ئىش دۇنياسىنىڭ خام ماددىغا بولغان ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمىگەن تەقدىردە خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە مەسىلە كۆرۈلىدۇ ۋە بۇ خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بۇنى ياخشى بىلگەچكە ئافرىقىغا زور مىقداردا مەبلەغ سالدى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالدى. دۇنيا نېفىت ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلەرنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىشىمىز كېرەك.»
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرى، تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلىغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي تەسىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتىدۇ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتە تىجارەت مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ پايدىسىغا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ يەردە كەلگۈسىدە بىر قىسىم مەسىلىلەر تۇغۇلۇشى مۇمكىن ئۇ ۋاقىتتا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بىر قىسىم سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، بۇنى قوبۇل قىلىش كېرەك. بۇ ئىشنىڭ گېئوپولىتىك، گېئوستراتېگىيىلىك جەھەتتە تارىخى مەنبەسى بار، ئوچۇق دېيىشنى خالىمايمەن ئەمما بەزى مەسىلىلەر يۈز بېرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ چوڭ ئىككى كۈچ خىتاي ۋە رۇسىيە بار، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئۆز-ئارا كېلىشەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئىتتىپاقداشقا ئوخشاش كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ئەمما ئويلىغاندەك بىر-بىرى بىلەن چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىلەر بار».
پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ، 2012-يىلى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىندى، 2013-يىلى خىتايدا تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى بولىدۇ، سىز بۇ يىلنى خىتايدا قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىز خىتايدا تۈركىيىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئاخبارات ۋە ئېلان ساھەسىگە كىرىشىمىز كېرەك، ئاناتولىيىگە خاس مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى، تارىخى ئەسەرلىرىمىزنى تونۇتۇشىمىز كېرەك، تۈركىيىگە كۆپلەپ ساياھەتچى كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ بىلەن 21-ئەسىردە خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىدۇ بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەم شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم، ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».