تۈركىيە «ساباھ» گېزىتىنىڭ 10-ئاپرېل كۈندىكى سانىدا، «يىراق ئاسىيادا پۇل تېپىشنى خالىغانلار ئۈچۈن ئەڭ توغرا ئادرېس ئۈرۈمچى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرگە بولغان چۈشەنچىسى، ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈرك سودا-سانائەتچىلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىپ شىركەت ۋە زاۋۇت-كارخانا قۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«بۇنىڭدىن ئىلگىرى يىراق ئاسىياغا ساياھەت قىلمىغان ئىدىم. باش مىنىستىرى ئەردوغان 300 گە يېقىن سودا-سانائەتچىلەر ۋە مىنىستىرلىرى، ئەخمەت داۋۇتئوغلى، بېكىر بوزداغ، بىنالى يىلدىرىم، ئەرتوغۇل گۈنەي، تانەر يىلدىز ۋە زافەر چاغلىيان قاتارلىق مىنىستىرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشقا ماڭغاندا، مەن ئۈچۈن ئۇلار توغرىسىدا ئاخبارات توپلاش ۋەزىپىسى بېرىلدى.
ئەڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغان سۆزۈمنى ئەڭ باشتا دېيىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ماڭا نىسبەتەن بۇ زىيارەتنىڭ ئاساسى ۋە ئەڭ مۇھىم قىسمى بولسا ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئىدى. بۇ زىيارەتكە قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەندىن باشقىچە چۈشىنىشى مۇمكىن، ئەمما تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىي بىر سودا-سېتىق ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقنى نىشان قىلغان بولسا، باشتا ئۈرۈمچى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان رايونغا ئالاھىدە بىر ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار، بىرىنچى سەۋەبى ئۇ رايوننىڭ تەرەققىي قىلمىغان ئەمما تەرەققىي قىلىشقا ئوپئوچۇق ئېچىلغان بىر ھالەتتە بۆلىشى. ئىككىنچى سەۋەبى بولسا، ئۇ رايوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە، ئىنسانلارغا ۋە تۈرك رەھبەرلەرگە دەرىجىدىن تاشقىرى ھالەتتە قىزىقىشى ۋە ياخشى كۆرۈشى.
خۇسۇسەن بۇ ھالەت مېنى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش، كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق بولىدىغانلىقىنى توغرا دەپ قارايتتىم، ئەمما بۇ خاتا قاراش ئىكەن. ئۆزىمىزگە نىسبەتەن بەك يېقىن بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزدىن ئۇزاق بىر يەردە بولسىمۇ، بىزنى ئەسلىيەلمەيدىغان ھالەتتە ئۇزاق بولسىمۇ قەلبى باغلىنىشلىق رىشتىمىزگە قىلچە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلمىغان.
زىيارەتكە قاتناشقان باشقا ئاخباراتچىلار بىلەن تۇنجى كۈنى كەچتە تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر رېستورانغا باردۇق، ئۇ رېستوراندا ئۇيغۇر ياشلار ئېيتقان تۈرك سەنئەتچىلىرىدىن، سىزەن ئاقسۇ، مۇرات بوز، خاندە يانەر قاتارلىق سەنئەتچىلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز ھاياجانلىنىپ، ھەيران قالدۇق. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ مەشھۇر بولغان ئورۇنلاردىكى ئۇ رېستورانلارنىڭ تاملىرىدا چوڭ ئېكراندا تۈركىيە كىرال تېلېۋىزىيىسىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق تۇرۇشى باشقىچە بىر ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئىدى.
پۈتۈن كۈن شەھەرنى ئايلانغان باش مىنىستىر ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ سەپەرداشلىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشلار بىلەن كۈتۈۋېلىشى، سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشى ۋە قىزىقىشى ھەيران قالارلىق ئىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان، بىزدىكى مىسىر بازىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بازارنى ئايلىنىپ زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئەردوغان نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ پۇلىنى ئۇزاتقاندا، ئارىلاشما تۈركچە بىلەن، «ھەدىيە، تاييىپ، ھالال»، دەپ پۇل ئېلىشنى رەت قىلىشلىرى ئىنساننى ھەم كۈلدۈردى، ھەم خۇشال قىلدى ھەم ھاياجانلاندۇرغان كۆرۈنۈشلەر ئىدى.»
ماقالىدە يەنە تۈرك سودا-سانائەتچىلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق يازغان:
«باشقىسى قانداق ئويلايدۇ، بىلمەيمەن، ئەمما مېنىڭچە يىراق ئاسىياغا مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بار كىشىلەر بولسا، ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. سېلىنغان ھەر بىر مەبلەغ، بېسىلغان ھەر بىر قەدىمى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتى بىلەن يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئىقتىسادى كۈچى بىلەن دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئەڭ نامرات ۋە ئەڭ كەمبەغەل قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىشتە پايدا بار دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇ رايون خەلقىنىڭ سودا-سېتىق قىلىش ئىمكانى ئاز دېگەنلىك ئەمەس. دەل ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار يېيىش، ئىچىش، كىيىنىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۈرۈمچىدە 7 يىلدىن بۇيان تىجارەت قىلىۋاتقان بىر كارخانىچى مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇرلار پۇل تېپىشتا چىڭ تۇرىدۇ، كۆپ بولمىسىمۇ پۇلى بار ھەر ھالدا، بۇلارنىڭ قېنىدىمۇ بىزدىكىگە ئوخشاش كۆپ پۇل خەجلەش ئادىتى بار. بىر بۇرادىرىمىز، ئىستانبۇلدا ئىشلەنگەن ئەسلى خۇرۇم ۋە تېرىلەرنى نان ساتقاندەك ئىتتىك ساتىدۇ، بەلكى سىلەر ئۇنداق سېتىۋالمايسىلەر ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرى 10 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ كىيىشكە كۆز يۇممايدۇ. مەن تۇنجى قېتىم 25 كۆڭلەك ئېلىپ كېلىپ سېتىش بىلەن تىجارەتنى باشلىغان ھازىر 2 مىليون دوللار سەرمايە بىلەن مال ئېكسپورت قىلىۋاتىمەن. تۈركىيىدە ئىشلەنگەن دېگەن ماركا چاپلانغان ماللار كۆپ سېتىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، تۈركىيىگە ۋە تۈرك ماللىرىغا بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى قىزىقىشى. خىتاي دۇنيادىكى كىيىم-كېچەك بازارلىرىنى ئىگىلەپ بولدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرى چوقۇم ئىستانبۇلدىن كەلگەن كۆڭلەكنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تۈركىيە كىيىملىرى بەك يارىشىدۇ، دەپ قارايدۇ.»
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۈرۈمچىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاۋاتقانلارغا ئالدىراشلىرىنى ھېچ ئىككىلەنمەسلىكلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن. رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپ ساندا دۆلەتلەر تىجارەتتە ئۇيغۇر رايونىغا كۆز تىكىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئىكەن. بىناكارلىق، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، ئەينەك، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى جەھەتلەردە چوڭ بازارلار بار. ھەر يەردە بىز كېچىكىپ قالىمىز، بۇ يەردە بولسىمۇ كېچىكىپ قالمايلى.»
تۈركىيىنىڭ «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئۈرۈمچىدىن باشلانغان 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۈرۈمچى زىيارىتى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۈرۈمچىدە باشقا ئالاھىدىلىكلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. خۇسۇسەن چوڭ بازاردىكى كۆرۈنۈش چوڭقۇر مەنىلىك ۋە چۈشىنىشلىك ئىدى. ئۇ كىچىك بىر ئۈلگە بولسىمۇ ھەقىقەتەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بىلەن بىز ئۈچۈن بازارنى زىيارەت قىلىش مەنىلىك ئىز قالدۇردى. تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەر ۋە ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈچلۈك بىر كەلگۈسىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، يەنە بىر قېتىم بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن.»
ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىدە سەلبىي ئىز قالدۇرغان تەرەپ بولسا، كوچىدا پىيادە يۈرەيلى دېگەن تەكلىپىنى نۇر بەكرىنىڭ رەت قىلغانلىقى، خەلقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى خىتايلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆزدە تۇتسا كېرەك.
«ساباھ» گېزىتىنىڭ 17-ئاپىرىلدىكى سانىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، باش مىنىستىر ئەردوغان پارلامېنتتىكى پارتىيە-گۇرۇپپىلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە تۇنجى قېتىملىق بىر تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى قېرىنداشلارنىڭ سالىمىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشنى خالايمەن، دېدى. ئەردوغان بېيجىڭ ۋە شاڭخەي زىيارەتلىرىدىمۇ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇھىم ئۇچرىشىشلار بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.