تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن خىتايدا ۋە ئۈرۈمچىدە رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارماقتا. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مىللىيەت، تۈركىيە گېزىتلىرىدىكى خەۋەرلەردە تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەننىڭ بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارماقتا بولغان زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

مىللىيەت گېزىتىدىكى خەۋەردە، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەننىڭ خىتاي تىجارەت مىنىستىرى چېن دېمىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، كۈرشات تۈزمەننىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتتە تۈركىيىنىڭ داۋاملىق ھالدا زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چارە تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى يېزىلغان.

بۇ خەۋەردە يەنە كۈرشات تۈزمەننىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسىنىڭ 2005 - يىلىدا 7 مىليارت دوللار بولغان بولسا، 2006 - يىلىدا 10 مىليارت دوللارغا، 2007 - يىلىدا 14 مىليارت دوللارغا يۈكسەلگەنلىكىنى، بۇ يىل 17 - 18 مىليارت دوللارغا يۇكسەلتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى يازغان.

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈركىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، كۈرشات تۈزمەننىڭ خىتاي تىجارەت مىنىستىرىگە بىر مىليارت 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە خىتايدىن تۈركىيىگە ھەر يىل پەقەتلا 70 مىڭ ساياھەتچى كەلگەنلىكىنى، تۈركىيىگە تېخىمۇ كۈپ خىتاي ساياھەتچىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى `تۈزمەن خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە` ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتىنىڭ رەسمى تەكلىپىگە بىنائەن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە رەسمى زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ زىيارەت جەريانىدا 17 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۈرۈمچى تىجارەت يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى يازغان.

تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە تۈركىيە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان 25 تۈرك شىركىتىگە ھەقسىز كۆرگەزمە يېرى بېرىلگەن. تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن تىجارىي مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغاندىن باشقا، تۈرك كارخانىچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە سالغان زاۋۇتلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىدىكەن. كېيىن قەشقەرگە بېرىپ مەخمۇت قەشقىرى بىلەن يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مازىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن. بەزى ئانالىزچىلار تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن ۋە تۈرك كارخانىچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئۇنداقتا تۈركلەرنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە ئالاھىدە مېھمان دۆلەت سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟ تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى راستىنلا تىجارىي ئانالىزچىلار دېگەندەك، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.