تۈركىيىنىڭ ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى

ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسى «تۈركىستان كۈنتەرتىپى» ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىسىدا ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ پروگرامما تارقىتىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر فاخرى سولاك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ ھەپتىلىك پروگراممىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدا نەق مەيداندىن پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا مەركىزى قەيسىرى شەھىرىگە جايلاشقان مەلىكشاھ ئۇنىۋېرسىىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر شاتلىق ئامانۇف ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ پروگراممىغا يەنە نيۇيوركتىكى ناگارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام تەتقىقات پروگراممىنىڭ دېرىكتورى دوكتۇر مۇستافا گۆكچەك تېلېفۇن ئارقىلىق قاتنىشىپ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پروگراممىدا دوكتۇر شاتلىق ئامانۇف ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- سۇغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار ئىستراتېگىيىلىك بىر سىياسىتى يوق ئىدى، 1992 - ، 1993 - يىللاردا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى رۇسلارغا قارشى بىر سىياسەت دەپ قارىلاتتى. 1994 - ، 1995 - يىلىدا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كافكاز دېڭىزىدىكى ئېنىرگىيىنى كۆزلىگەن ھالدا ئىستراتېگىيە يۈرگۈزگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2000 - يىلدىن كېيىن بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياستى پۈتۈنلەي باشقا بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

دوكتۇر شاتلىق ئامانۇف ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە بىخەتەرلىكتىن باشقا يەنە نېمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە تەھدىتكە دۈچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئىككى مەسىلىسى بار، بۇلارنىڭ بىرىنچى، ئاتوم - يادرو قوراللار، ئىككىنچىسى، تېررورلۇق. بۇ ئىككى تەھدىت ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئاساس قىلغان ئەڭ مۇھىم نوقتا. ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتىلغان بولۇپ، مۇھىم بولغىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتراپىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە دىقىقەت قىلىدۇ. بىر تەرەپتە، رۇسىيە، يەنە بىر تەرەپتە خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ يادرو قورال ياساشقا ئۇرۇنۇشلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن كۈچلىنىۋاتقان تۈركىيە. ئەلۋەتتە، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆز تىككەندە، ئەتراپدىكى بۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرگە دىققەت قىلىپ بۇ رايونغا قارىتا ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت بەلگىلەپ كەلمەكتە.

بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا يەنە نيۇيوركتىكى ناگارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى دوكتۇر مۇستافا گۆكچەك ئەپەندى تېلېفۇن ئارقىلىق قاتناشتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار ئۈچ مۇھىم سىياسىتى بار، بىرىنچىسى، ئافغانىستان مەسىلىسى، يەنى ئافغانىستاندا قورال ۋە زەھەرلىك چىكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش. ئىككىنچىسى بولسا، تىجارەت ۋە ئېنىرگىيە ساھەسىدە، نېفىت تۇرۇببا لېنىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئېچلىشى ۋە مەبلەغ سېلىشى. ئۈچىنچى ساھە بولسا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بولۇپ، بۇ ساھەدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئاستىدا قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ساھەدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى مەۋجۇت.

خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا خىتاي ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت

دوكتۇر شاتلىق ئانامۇف، رىياسەتچىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ئاسىيا رايونلىرىدا، بولۇپمۇ خىتاي، رۇسىيە، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئىرانغا نىسبەتەن قانداق بىر ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆز تىككەندە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە دىققەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە غەربكە قارشى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرگۈزمەكچى بولغان ئىستراتېگىيسىگە قارشى تۇرىدۇ، ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا كىرىشىنى خالىمايدىغان ئۇنسۇرلارنىڭ بارلىقى بىر ھەقىقەت. خىتاي غەربىي رايونىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق رايوندا جىددىي بىر ھەرىكەت قىلماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ دىپلۇماتىيىدىكى غەلىبىسى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايوندىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر تەشكىلات بولۇپ قالدى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ مىقداردا ئېنىرگىيە ساھەسىنى قولغا كەلتۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خام ماددا نېفىتلىرى تۇرۇببا يولى بىلەن خىتايغا ئاقىدۇ، ئۇ يەردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېرەكلىك مەھسۇلاتلار كۆپ مىقداردا كېلىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئىقتسادى تىجارەت ساھەسىدە يېقىن مۇناسىۋەتلىرى بار، ھەتتا قىرغىزىستان خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ماللاردىن يۈزدە 75% ىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىدۇ. خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرىسىدا 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چېگرا تۇتىشىدۇ. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ چېگراسى تىلغا ئېلىنغاندا، بۇ، ئەسلى ئىسمى شەرقىي تۈركسىتان بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن جۇغراپىيە بىلەن قۇشنا بولىدۇ. ئۇ رايوندا خىتاي ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ياشىغانغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركسىتاندىمۇ، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاجىكلارمۇ ياشايدۇ، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي غەربىي رايوندا يەنى شەرقىي تۈركسىتاندا خىتايغا قارشى بىرەر ھەرىكەت يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جىددىي بىر شەكىلدە كېلىشىم ۋە مۇناسىۋەتلەر قۇردى.

ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا تەسىرى

شاتلىق ئانامۇف ئەپەندى سۆزىدە يەنە، رىياسەتچىنىڭ ئەرەب باھارى ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشى ئالدى بىلەن، ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە، تۋېتىر، فېسبۇك ۋە يوتۇب قاتارلىق خەلقئارالىق ئۇچۇر ئالاقە تور بىكەتلەرنىڭ قانچىلىك ئومۇمىلاشقانلىقىغا باغلىق. چۈنكى ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا بۇ ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى مۇھىم رول ئوينىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھەسسە قوشقان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا ئوخشاش ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولۇشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىشسىزلىق ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردە باشقىچە بىر ئوخشىمىغان پەرقلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىشسىزلىق بېسىمى، ئىجتىمائى ھەرىكەت قوزغاش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىشسىزلىق رۇسىيىگە يۆتكەلگەن ۋەزىيەتتە، قىرغىزىستان، تاجىكىستاندىكى ئىشسىزلار رۇسىيىگە يۆتكەلدى. شۇ سەۋەبتىن ئىجتىمائى ئىشسىزلىق بېسىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا يوق دىيەرلىك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى يوق دەپ قارايمەن.