بۇنىڭغا ئاساسەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۆبىسى تۈركىيىدىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەرگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 2-قېتىملىق پائالىيىتىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرىغا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيە» تېمىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئىنسان بولغاچقا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ، مۇسۇلمان بولغاچقا ئىسلام دۇنياسىنىڭ، تۈركىي مىللەت بولغاچقا تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھايرۇللا ئەفەندىگىل سۆزىدە يەنە تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا تۈركىيىدە ئىشلەنگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئاخىرىدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى» قاتارلىق تېمىلاردا 3 سائەتكە يېقىن دوكلات بەردى. سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋام قىلغان بۇ دوكلات تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ياشلار ياچېيكىسى ئەزالىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. ئاخىرىدا ئۇلار ھەممە بىردەك بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇق، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا تىرىشىمىز دېيىشتى. بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن در. ئەركىن ئەكرەم ۋە ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەرگە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.