يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى در. ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى در. ئالىمجان بۇغدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇلخەمىت قاراخان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر قاتناشتى.
4 سائەت داۋام قىلغان يىغىندا تۈركىيىدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كېلىۋاتقان خەلق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بىز بۇ ئىككى يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.