بۇ يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيىدە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇ سايلامغا چوڭ - كىچىك بولۇپ 21 ئەتراپىدا سىياسىي پارتىيە قاتنىشىدىغان بولۇپ، 10 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى سايلام باياننامىسى بولغان تۈركىيىنىڭ 2023-يىلىغىچە بولغان پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2023-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل تولغان يىل بولۇپ، تۈركىيىنىڭ 2023-يىللىق پىلانى ناملىق بۇ ئەسەردە، 100-يىلىدا تۈركىيە يېتىشنى ئارزۇ قىلغان مەقسەت يەنى 2023-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيىنى دېموكراتىيە، ئىقتىساد، تېخنولوگىيە جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك بىر تۈركىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى بايان قىلىنغان. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەييارلىغان بۇ سايلام باياننامىسىنىڭ 157-بېتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە شۇ جۈملىگە يەر بېرىلگەن.
ئاسىيانىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان خىتاي، ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي مۇناسىۋىتىمىز تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. يېڭى ھۆكۈمەت مەزگىلىمىزدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ۋە ھەق ھوقۇقلىرىنى، ئەركىنلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
بۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ سايلام ۋەدىلىرىنىڭ ئىچىگە قويۇلۇشى بولۇپ، بۇ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. بۇنىڭغا مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قانداق قارايدۇ؟
مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ھامىد كۆكتۈرك ۋە مۇتەخەسسىس ئەركىن ئەكرەملەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.