تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئەرزۇرۇم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

0:00 / 0:00

ئەرزۇرۇم گۈنەش ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوللاپ دەستەكلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، شىمالىي قىبرىس، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، شەرقىي تۈركىستان، قىرىم، تاتارىستان، ئالتاي، توۋا، قاراقالپاق، باشقۇردىستان، گاگائۇز يېرى، چاۋۇشىسىتان، ساھا، بالكارىيە، قاراچاي، ھاكاسىيە، غەربىي تىراكىيە، تۈركمەنئېلى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن 375 تۈرك تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملار قاتناشتى.

خەلقئارالىق 3-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ماي، تۈركىيە.

3 كۈن ئىچىدە 24 قېتىم يىغىلىش ئېچىلىپ تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر تەقدىم قىلىندى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا يەنە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەر نومۇر تەقدىم قىلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇر قاتناشتى.
بۇ پائالىيەت تۈرك دۇنياسىنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلىش بىلەن باشلاندى. تۈرك دۇنياسى بايراقلىرىنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايرىقىمۇ لەپىلدىدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئەرزۇرۇم گۈنەش فوندىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالپئارسلان جەيلان ئەپەندى، ئوسمانلى خانىدانلىقىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سالاھىدىن ئوسمانئوغلى، ئەرزۇرۇم ۋالىيسى ساباھەتتىن ئۆزتۈرك قاتارلىق شەخسلەر مۇھىم سۆز قىلدى.

ئەرزۇرۇم ۋالىيسى ساباھەتتىن ئۆزتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەرزۇرۇم شەھىرى 960 يىلدىن بۇيان تۈركى خەلقلەر ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە خەلقى تۈرك دۇنياسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان بىر خەلق. بۈگۈن تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى مىللىي مەدەنىيەتلىرى بىلەن بۇ يەردە جەم بولدى. ئەرزۇرۇم شەھىرى تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار ئېچىلغان بۇ مۇھىم يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىش بىلەن شەرەپ ھېس قىلىدۇ.

ئەرزۇرۇم گۈنەش فوندىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئالپئارسلان جەيلان ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ئىچىدە قالغان 21-ئەسىردە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممىدىن بەك دوستلۇق، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە بۇنى ئاساس قىلغان ھالدا بىرلىشىشكە ئېھتىياج تۇيۇۋاتىدۇ. تۈركلەرنىڭ كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەجبۇرىيىتى بار ۋە بۇ ھەقتە مۇستەھكەم ئىرادىدە چىڭ تۇرۇشتىن باشقا چارە يوقلۇقى كۆرۈلمەكتە. تۈركى خەلقلەر ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلالمايدىغان ھېچبىر مەسىلە يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەر كەلگۈسىدىمۇ قىسقا ۋاقىت ئارىسىدا داۋام قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا باغلانغان كۆڭۈل رىشتىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكى ۋە دوستلۇقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەت ۋە يىغىنلار كۆپلەپ ئېچىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە، ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور ھېكمەت كوچاق ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تارىخى، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي ئاساسلىرى بولغان ۋە بۇلارنى چۈشىنىش كېرەك بولغان تۈرك دۇنياسى تارىخىنىڭ 2500 يىللىق بىر جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋە بۇ جەرياندا تۈرك مەدەنىيىتى ئەدەبىي تىل ۋە ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ جۇغراپىيىگە تارقالغان. ئورتاق مەدەنىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم ئامىل تىلدۇر. خوجا ئەخمەت يەسەۋىي، ئەلىشىر ناۋايى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى، فۇزۇلى، مەھمۇدئوغلى، ئاباي، چولپان، ئايتىماتۇف، غاسپىرالى، شەھرىيارلار ۋە بۈگۈنكى ئولجاس سۇلايمانۇف قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق يولباشچىلىرى، بىرلەشتۈرىدىغان مەدەنىيەت سىمۋوللىرى، تۈرك تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەيلى قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، مەيلى تىلشۇناسلىق قابىلىيەتلىرى بىلەن، بىر رايوننىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان جۇغراپىيىلەرنىڭ قەلەمكەشلىرى بولدى.

يىغىندا يەنە، تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى پۈتكۈل زىيارەتلەر، يىغىن-مۇراسىملارنىڭ تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«21-ئەسىر باشلىنىش بىلەنلا ئالتۇن تەخسىدە سۇنۇلغان تۈرك دۇنياسى بىرلىكىنى قۇرۇشىمىز كېرەك. 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان ۋە تۈركمەنىستان بىرلىشىپ، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتى قۇردى ۋە ئىمزا قىلىشتى. بۇ بىرلىك قانۇنلۇق قۇرۇلدى. تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كومىتېتىنى جانلاندۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ تارىختىمۇ ئەمەلگە ئاشقان بىر ئىش. تارىختا 3 قېتىم چوڭ تۈرك بىرلىكى قۇرۇلدى. بىرىنچىسى، كۆكتۈرك ئىمپېراتورلۇقى، ئىككىنچىسى، بۈيۈك تىمۇر ئىمپېراتورلۇقى ۋە ئاخىرقىسى پۈتكۈل غەربىي تۈركلەرگە ۋەكىللىك قىلغان ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى.»

بۇ يىغىندا يەنە ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا، يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.