تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ھەققىدە سۆھبەت

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، پروفېسسور دوكتۇر جالال ئەرباي ئەپەندى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي ئەپەندىنىڭ ئەسلى كەسپى قانۇنشۇناسلىق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

0:00 / 0:00

سوئال: ھۆرمەتلىك پروفېسسور جالال ئەرباي ئەپەندى، سىز بىر قانۇنشۇناس پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى يولىدا شېھىت بولغان پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىنساننىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ياشاش ھوقۇقىدۇر، ئىنسانلار تۇغۇلىدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، چوڭ بولىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن ئۆمۈر ئاخىرلاشقاندا دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. دۇنيادا بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننى ئۆلتۇرۇشى ئەڭ چوڭ جىنايەت. ھايات ھەممىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس، جان ھەممىمىز ئۈچۈن تاتلىق. ئەلۋەتتە ھەممىمىز بىر كۈنى ئەجەل توشقاندا ئۆلىمىز، ئەمما، بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننى ئۆلتۈرۈشى بىلەن دۇنيادىن ئايرىلىشى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەت. ھېچقانداق ئىنساننىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق. شەرقىي تۈركىستاندا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز مەنىۋىيىتى، ئەقىدە - ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتلەردە، ئىجتىمائىي ھاياتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، تىلىنى، دىنىنى جانلاندۇرىدىغان ھالەتتە ھاياتىنى داۋام قىلىش ھوقۇقى بار. ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن مۇھىم، بۇنىڭدىن مۇقەددەس ھوقۇق يوق. بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم ھوقۇق. بۇ، بىر ئىنگىلىز ئۈچۈن، فرانسىيىلىك ئۈچۈن، ئامېرىكىلىق ئۈچۈن، خىتاي پۇقراسى، رۇسىيە پۇقراسى، تۈركىيە پۇقراسى ئۈچۈن ۋە ئۈرۈمچىدىكى، قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ھوقۇق. دۇنيادا ھېچكىم، مەن ياشايمەن، سەن ياشىمايسەن دېيەلمەيدۇ؟ بۇنداق بىر چۈشەنچە توغرىمۇ؟ بۇ چۈشەنچىنى ئىنسانىيەت قوبۇل قىلالامدۇ؟ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلالمايدۇ.

سوئال: ھۆرمەتلىك پروفېسسور جالال ئەرباي ئەپەندى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە بىر يىل بولدى، سىز بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى چۈشىنىۋاتىسىز؟

جاۋاب: ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا بىر يىل بولدى، بىز بۇ قايغۇ - ماتەمنى ئونۇتمىدۇق. بىز بۇنى يۈرىكىمىزدە ساقلاپ كېلىۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارغا بۇنى ئۇيغۇن كۆرگەنلەردىن غەزەپ بىلەن نەپرەتلىنىمىز. ئۇلارنى دۇنيا جامائىتى ئالدىدا، جىنايەتچى، زومىگەر، ئىشغاليەتچى دەپ ئېلان قىلىمىز. ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، دىن ۋە ۋىجدانى ئەركىنلىكى، ھەر كىم ئۆزى خالىغان، ئەقىدە قىلغانغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقى ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر قانۇن. بەزىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنىدۇ، بەزىلەر بىر ياغاچنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ھەر كىمنىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنىغا باشقىلارمۇ ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد بويىچە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قانداقمۇ چەكلىمە قويالايسىز؟. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ئىنسانىيەتنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەنلىك. مەن بۇلاردىن، بىر مۇسۇلمان تۈرك بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، بىر ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن نەپرەتلىنىۋاتىمەن، ئۇلارمۇ ئىنسان، ئۇيغۇرلارمۇ ئىنسان، ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقىگە ئىگە. ئۇلارمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئائىلىسىدە ئۆز تىلىدا سۆزلىشىش، ئۆز تىلىدا يېزىش، ئوقۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۆز دىنىي ئېتىقادى بويىچە ياشاش، ئىبادەتخانىلارغا خالىغانچە بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. يەنى بۇلار پۈتكۈل دۇنيانىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى. بۇ قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلەر چوقۇم ھەر زامان مەۋجۇت بولىدۇ. بۇلارنى چەكلەش، توسقۇنلۇق قىلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھېچكىمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا قارشىلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ جىنايەتنى ئىشلىگەن خىتاي ئەمەس، باشقا بىر دۆلەت بولغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىنمۇ نەپرەتلىنەتتۇق. خىتاي بۇ جىنايەتنى سادىر قىلدى. بۇ قىرغىنچلىقنى ئىشلىدى. مەن ئىنسانىيەت نامىدا خىتاينى جىنايەتچى دەپ ئەيىبلەيمەن. بۈگۈن بۇ ۋەقەنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئازاب ۋە قايغۇ قەلبىمىزنى قايتىدىن ئاغرىتىۋاتىدۇ. بۇ ئازاب قەلبىمدىن ئۆلگىچە چىقمايدۇ، ئۆلۈپ كەتكىچە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى ئەيىبلەيمىز. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ جىنايەتنى ئونۇتمايمىز، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىمىز.

سوئال: ھۆرمەتلىك پارلارمېنت ئەزاسى جالال ئەرباي ئەپەندى، ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان ياكى تەۋسىيە قىلماقچى بولغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مەن ئۇلارغا شۇنى تەۋىسىيە قىلىمەنكى، كەچمىشتىكى ۋەقەلەرنىڭ قايغۇسى ئىچىدە ئۆزلىرىنى يوقىتىپ قويمىسۇن! بىزدە بىر ھېكمەتلىك سۆز بار، ئۆلگەنلەر بىلەن ئۆلگىلى بولمايدۇ، ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھېچكىم ئورۇنسىز تالاش - تارتىش قىلماي، ئائىلىسىدە دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشنى، ئۆز تىلىدا سۆزلىشىشنى، دىنىنى قوغدىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. تۈركلەرنىڭ ئاساسى سۈپىتى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىبارەت، بۇ ئالاھىدىلىكنى قوغدىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بىر - بىرى بىلەن قېرىنداش بولۇپ ياشىشىنى، بىرسى خالىغاننى يەنە بىرسىگە تەۋسىيە قىلىشىنى، بىرسى خالىمىغاننى باشقا بىرسىگىمۇ تەۋىسىيە قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەرگىزمۇ ساتقۇنلۇق قىلماسلىقىنى، ئۆز - ئارا خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىرگە بولۇشنى، بىرلىك - باراۋەرلىك ئىچىدە، قېرىنداشلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن ياشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەرزىيەت ۋە زۇلۇم تارتقانلارنى ئاللاھ كۆرىدۇ، ئاللاھ سەبىر قىلغانلار بىلەن بىرگە، زۇلۇم بىلەن ھېچكىم راۋاجلىنالمايدۇ، ئىنسانلارغا زۇلۇم ۋە ئەرزىيەت يۈرگۈزگەن ھاكىمىيەت ھېچقاچان داۋام قىلالمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغان، ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان قېرىنداشلىرى بولۇپ، دۇئا قىلىمىز، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارنى قوغدايدۇ، پۈتكۈل ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام ۋە سۆيگۈ يوللايمەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.