كېيىنكى يىللاردا تۈركىيىدىن بۇ ئۆمەكلەرگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايماقتا. بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر يىلى خىتاينىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان دۆلەت بايرىمى زىياپىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى ئازايماقتا.
ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ يىل خىتاي ئۇيۇشتۇرغان ئۆمەككە تۈركىيىدىن 4 ئۇيغۇر قاتناشقان. خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل خىلتون مېھمانخانىسىدا ئۇيۇشتۇرغان زىياپەتكە بىر ئۇيغۇر قاتناشقان. ئەمما، ئۆتكەن يىلدىكى زىياپەتكە 12 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار بۇنداق ئازىيىشنىڭ سەۋەبىنىڭ زىياپەتكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ھەر قايسى تور بەتلىرىدە ۋە ئاخبارات ساھەسىدە ئېلان قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.