0:00 / 0:00
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە بىرىنچى سىنىپتىن ئېتىبارەن خىتايچە ئۆتۈلگەن بولسا، يېقىندا 3-سىنىپتىن ئېتىبارەن خىتايچە ئۆتۈشكە باشلاش ھەققىدە قارار چىققانلىقى، مەكتەپلەردە بۇرۇن پەقەتلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆتۈلۈۋاتقانلىقى، يېقىندىن بېرى سىياسەت دەرسىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئۆتۈلۈشكە باشلىغانلىقىغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى ئېيتقان ئىدى. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدە بىرئاز يۇمشاشنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. راستىنىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن يېقىندا ۋەتەندىن پاناھلىنىپ چىققان نۇرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.