تۈركىيە - تۈركمەنىستان دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى قادىر توسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى تەسىراتى

تۈركىيىدە بەزى ئىنسانلار ئۇيغۇر دىيارىنى تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس زېمىنى دەپ بىلىدۇ. چۈنكى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممىتى بولغان مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە سۇلتان ساتۇق بۇغراخانلارنىڭ مازىرى ئۇيغۇر دىيارىدا.

0:00 / 0:00
qurban-tosun-mesjid-305.png
مەسجىدتە ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بىللە

بۇ سەۋەبتىن تۈركىيىدىن ئېكىسكۇرسىيىگە بارىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بەزى كىشىلەر ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى تۈركىيىدىكى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلماقتا ياكى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ ھەقتە دوكلات بەرمەكتە.

بۇلاردىن بىرى تۈركىيە - تۈركمەنىستان دوستلۇق جەمئىيىتى باشلىقى قادىر توسۇن ئەپەندى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر، يەكەن ۋە يېڭىسار قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ، ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى رادىئومىزغا ئاڭلاتتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.