بۇ پروگراممىغا قانال7 تېلېۋىزىيىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئىقبال خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكاخانىم قاتارلىق ئۇيغۇر خانىم - قىزلار قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرى، مىللىي تائاملىرى، ئىجتىمائىي ھاياتى، ۋەتۈرمۈش كەچۈرۈش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى.
ئەسەر ساكا خانىم، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ، مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سىياسى پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئاساس سېلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پروگرامما نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلدى. بىز قانال7 تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان بۇ پروگرامما توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكاخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك ئەسەر ساكا خانىم، قانال7 تېلېۋىزىيە پروگراممىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار نېمىلەر ئاڭلىتىلدى؟ نېمىلەر كۆرسىتىلدى؟ پروگرامما قانداق ئۆتتى؟ ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە بىزگە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاب: تۈركىيىدە قانال7 تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشتۇق ۋە دىيار، دىيار دېگەن پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە تاماقلىرىنى تونۇشتۇردۇق. قانال7 تېلېۋىزىيىنىڭ دىيار، دىيار پروگراممىسى تۈركىيىدە كۆپلىگەن كىشىلەر قىزىقىپ كۆرىدىغان پروگرامما بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ پروگراممىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدۇق. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ خىزمەت ساھەلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى تەلىم - تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ساھەلەردە خىزمەت - پائالىيەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىز بۇ خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر ساھەدە تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۇ قېتىمقى پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار كىم، قەيەردە ياشايدۇ، ئۆرپ - ئادەتلىرى قانداق، يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋە چالغۇ - ئەسۋابلىرى، ناخشا - ئۇسۇل سەنئەتلىرىنى ئەمەلىي كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان بولدۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك ئەسەر ساكا خانىم، سىزنىڭچە، بۇ خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر ئەھمىيەتكە ئىگە؟
جاۋاب: مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم بۇ خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلارغا قاتناشتىم. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل ھاياتىدا ئۆز مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بۇلارنى ياشلارغا ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، چەتئەللىكلەرگىمۇ تونۇشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى چەتئەللەردە بىز ئۇيغۇر خەلقىنى قانچىلىك ياخشى تونۇشتۇرالىساق، ئۇيغۇر خەلقى كىم، شەرقىي تۈركسىتان قەيەردە، بۇلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىلەر ئۇلارنى ئويلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ پەقەت مەدەنىيەت پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سىياسى پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئاساس سالغانلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
سوئال: شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق خىزمەتلەرنى قىلماقچى؟
جاۋاب: بىز بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قىلىۋاتىمىز، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى - يېڭى پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك بولىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن 2013 - يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان چوڭ بىر پىلان - لايىھە تۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بۇ پىلان - لايىھە پۈتكەندىن كېيىن ئۇنى تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا سۇنىمىز. ئالدىمىزدىكى يىلدا ياخشى خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.
بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇر قىزلار بىر قانچە پارچە ناخشا - ئۇسۇل تەقدىم قىلدى. پروگرامما جەريانىدا ئەسەر ساكا خانىم، قانال7 تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۇيغۇر ئاياللار يەنە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، پولۇ ۋە مانتىنىڭ قانداق تەييارلىنىدىغانلىقى ۋە قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا نەق مەيداندا ئەمەلىي مىسال كۆرسىتىپ تونۇشتۇردى.