تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008.03.26

تۈركىيىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلىرىدىن بىرى بولغان قەيسەرى ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋالىسى مەۋلۇت بىلىجى ئەپەندى بىلەن قەيسەرى شەھەر باشلىقى مەھمەت ئوزھاسەكى ئەپەندىنى 25 - مارت كۈنى زىيارەت قىلدى.
بۇ زىيارەتكە باشلامچىلىق قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا، ئولىمپىك مەشئىلى تۈركىيىدىن ئۆتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر ئېلىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق يەر ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ، بۇ خىل ئۇچرىشىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ تۇرغان تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈن تەرتىپىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ داۋا ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن بولۇپ 12 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇ ھەيئەتتىكىلەر ۋالى ۋە شەھەر باشلىقىغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىتلەرنى بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇر كىيىم - كېچەكلىرىنىمۇ سوۋغا قىلغان. بۇ زىيارەت قىزغىن بىر كەيپىياتتا ئۆتكەن بولۇپ، ھەيئەت ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.
بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەنتەنىلىك تەبرىكلىمەكتە
- تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەھمەت ئايدىن خىتايدا زىيارەت ئېلپ بارماقتا
- خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى
- تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەكىچى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- د ۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى بىلەن كۆرۈشتى
- قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى
- سابىق مىنىستىر ئابدۇخالىق چاي بىلەن سۆھبەت
- تۈرك دۇنياسىنىڭ ئالدىنى ھېچكىم توسالمايدۇ
- 11 - نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق - قېرىنداشلىق - ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى
- ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى