تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى راستىنلا ئۆزى ئۈچۈن كوزۇر قىلىپ قوللىنىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكىدا ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان "بۈگۈنكى زامان" نامىدىكى تۈرك گېزىتىدە، "تۈرك ‏- خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆلەڭگۈ چۈشۈرمەسلىكى كېرەك" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ساھىپ چىقىشىدا، بىرى تۈركىيە ئىچكى سىياسىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، يەنە بىرى تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كوزۇر سۈپىتىدە قوللانغانلىقى بايان قىلىنغان.

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ماقالىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.