جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى بىلەن خىتاي زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت

ئىككى كۈندىن بېرى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ زىيارەت داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيىسى دائىرىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈشتە بولدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەدىيىلىرىنى قوبۇل قىلدى.

0:00 / 0:00

12-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتىگە مۇخبىرلار ۋە تىجارەتلەرنى قاتناشتۇرغان قىلىچدارئوغلۇ زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى بېيجىڭنىڭ گۇگۇڭ خان سارىيى ۋە سەددىچىن قاتارلىق ساياھەت رايونلىرىنى تاماشا قىلدى. نۆۋەتتە كەمال قىلىچدار ئوغلۇنىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىشى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىشى پىلانلانماقتا.

بىز جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فارۇق لوغئوغلى ئەپەندى بىلەن خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.