در. ئەركىن ئەكرەم 45 مىنۇت داۋام قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ 40 يىللىق مۇناسىۋىتى جەريانىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ، سۆزىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تۆۋەن دەرىجىدە داۋاملاشقان بىر مۇناسىۋەت دەپ خۇلاسىلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى 1971-يىلى ئورنىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن 1983-يىلى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى كەنان ئەۋرەننىڭ خىتاي زىيارىتى بىلەن تېزلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى، 40 يىل جەريانىدا بەزى ۋاقىتلاردا كۈچىيىپ، بەزى چاغلاردا ئاجىزلىغانلىقى، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كۈچىيىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ كېيىنكى ئىككى يىلدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئالىي رەھبەرلەر زىيارىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كېيىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىن رىياسەتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەلچۇق چولاقوغلۇ ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
در. سەلچۇق چولاقوغلۇ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇرۇن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەك ئاجىز ئىدى. ئەمما 2000-يىللاردىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مىنىستىرلار سەۋىيىسىدىكى زىيارەت كۆپەيدى. خىتاي داۋاملىق ھالدا تۈركىيىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مېنىڭ ئىچكى مەسىلەم، ئارىلاشما دەيدۇ، ئەمما تۈركىيە تىلى ۋە دىنى ئوخشاش مىللەت ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا ئېچىلىش سىياسىتى ئېلىپ بارىمەن دەيدۇ.

كېيىن تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسى زۈلفىكار قىلىچ ئەپەندى ئۆزىنىڭ 3 يىل تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىق ھەققىدە توختالدى.
كېيىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە 3 مەسىلە بار ئىكەن. 1-شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسى. 2-تىجارىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە، 3-بىر-بىرىنى خاتا چۈشىنىش مەسىلىسى.
يىغىندا پىكىر بايان قىلغان بەش مۇتەخەسسىس بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشتى. مۇتەخەسسىسلەر ھەممە بىردەك تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سىياسىي تىجارىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.