خىتاي تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننى كۈتمەكتە

«تايمەتۈرك» گېزىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى سانىدا «خىتايلار تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئىرەم كۆكەر خانىم بېيجىڭدا تۇرۇپ يازغان بۇ ماقالە مۇنداق باشلانغان:
-دۇنيا ئىقتىسادىدا ئورۇن ئىگىلىگەندىن كېيىن دۇنيا سىياسىتىدىمۇ بۈيۈك رول ئويناشنى ئويلاۋاتقان خىتاي، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر زىيارەت دەپ قارىماقتا. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئەنقەرەگە كەلگەندە، ئەردوغاننى خىتايغا تەكلىپ قىلغان ئىدى، ئەردوغانمۇ خىتاينىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما تۈركىيە باش مىنىستىرى بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ خىتاي زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتەلمىگەن، بىراق ئەمدىلىكتە بۇ ئېنىق بولۇشقا باشلىدى. دەسلەپتە ئەردوغاننىڭ 9-ئاينىڭ ئىچىدە خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقى پىلانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئەرەب باھارى ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلگەن. ھازىر تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتايغا بارىدىغانلىقى ئېنىق بولدى.

ژۇرنالىست ئىرەم كۆكەر خانىم تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن خىتايلارنىڭ نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-خىتاي دۆلىتى بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىسا يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتىدە بولماقتا. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بىرى ئىقتىساد. خىتاي تۈركىيە بىلەن بولغان 15 مىليارد دوللارلىق تىجارەت ھەجمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا خىتاي تۈركىيىدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىپ ئىش پىلانلىرى ئېلىشنى ئويلىماقتا. خىتايلارنىڭ ئىستانبۇل قولتۇقىغا 3-كۆۋرۈك ياساش بىلەن تۈركىيىدە تېز سۈرئەتلىك پويىز يولى ياساش ئىش پىلانىنى ئېلىش نىيىتى بار.

ئىرەم كۆكەر خانىم خىتايلارنىڭ تۈركىيىدە تىجارەت قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ «made in china»، يەنى «خىتايدا ئىشلەنگەن» ئىبارىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-يۇقىرىدىكى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ «made in china» يەنى، «خىتايدا ئىشلەنگەن» سۆز- ئىبارىسىنىڭ تۈركىيىدە سۈپەتسىز مال مەنىسىنى ئىپادىلىشىدۇر. تېخىمۇ چوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىش پىلانلىرىنى خىتايغا بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ۋېنجۇ بىلەن خاڭجۇ ئوتتۇرىسىدىكى تېز پويىزدا مەيدانغا كەلگەن قازا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش تىجارىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. بۇنى چۈشىنىپ يەتكەن خىتاي يېقىندا تۈركىيىدە ئابرۇي يېڭىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى.

ئىرەم كۆكەر خانىم ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە تۈركىيە ئارقىلىق يېيىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدىغان يەنە بىر مەسىلە سىياسەتتۇر. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەي 'ئەت ئەزاسى. خىتاي ئۆزىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنلەردىكى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ دۇنيا سىياسىتىدە سۆز ئىگىسى بولۇشنى خالايدۇ. شۇڭا خىتاي تۈركىيىنى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە ئاچقۇچلۇق دۆلەت دەپ كۆرىدۇ.

ئاپتور «تايمەتۈرك» ناملىق تور بېتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايلار تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا كۈن تەرتىپكە كېلىدىغان 3-مۇھىم مەسىلە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق. بولۇپمۇ خىتايلار تۈركىيىنىڭ ئۆز راكېتالىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئويلىماقتا. ئەمما تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلار ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىدۇر. خىتاي رەھبەرلىرى يوشۇرۇن ھالدا تۈركلەر بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەمشەلسە ناتو تۈركىيىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئىرەم كۆكەر خانىم ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-مۇتەخەسسىسلەر، خىتايلار قانچىلىك ياخشى نىيەتتە بولسا بولسۇن، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ دەپ كۆرسەتمەكتە. تۈركىيە تەرەپ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكچى.