يېقىندىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلماقتا. -10ئاينىڭ -8كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن -11ئاينىڭ -28كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. بۇ زىيارەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نېمە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن نېمە تەسىراتلارغا ئىگە بولدى؟
زىيارەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش شۇنداقلا ھازىرقى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، تەپتىش ھەيئەت ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر -11ئاينىڭ -23كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.
د ئۇ ق ھەيئىتى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى مۇرات مەرجان، سانائەت مىنىستىرى زافەر چاغلايان پارلامېنت ئەزاسى رىدۋان يالچىن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى بىلەنمۇ قىسقا بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
0:00 / 0:00