تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت خىتاي ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

يېقىندا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر ھەيئەت ئۆمىكى تۈركىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي-تۈركىيە مۇناسۋەتلىرىدىكى "كۆۋرۈكلۇك رولى " نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامەنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت ئەپەندى بۈگۈن يانى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سوڭ چۈياڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە پارلامېنتى خەۋەر تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سادىق ياقۇت ئەپەندى خىتاي ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، يېقىندىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

"تۈركىيە شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر قېرىنداش، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە تۈركلەر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ھالدا ئەركىن، خىتايلار بىلەن تەڭ باراۋەر بەخىت ئىچىدە ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە سانائەت رايونى قۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سوڭ چۇياڭ سۆز قىلىپ، شىنجياڭنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەك تېز تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى، شىنجياڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ۋە بەختلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي ھەيئىتى باشلىقى سوڭ چۇياڭ تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇتقا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرك سانائەت رايونى قۇرۇشىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

2001-يىلىدىن بېرى تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي رەھبەرلىرىمۇ بۇ سۆزنى تەكىتلىمەكتە. تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى سادىق ياقۇت خىتاي ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ بۇ سۆزنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇرلار ئۇلار دېگەندەك كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناۋاتامدۇ ياكى قۇرۇق شۇئار بولۇپ قېلىۋاتامدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.