ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتاينىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. پروگراممىدا باشتىن - ئاخىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ بەلگىنىلىنىشىدىكى مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پروگراممىنىڭ تەكلىپلىك مېھمىنى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور چاغرى ئەرخان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېپىق بېسىم سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر شەھەرگە بارسىڭىز، كەينىڭىزدە جاسۇس بار. خىتايغا بارسىڭىز، ساياھەت قىلىش، خەۋەر ئىشلەش ئەركىنلىكىڭىز يوق. بۇنىڭدىن سىرت خىتايدىكى ئەڭ نېگىزلىك ئىككى مەسىلە بولسا، دەل خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى تىبەت مەسىلىسى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن ئىبارەت.»
«ئۇپۇق سىزىقى» پروگراممىسىنىڭ بۇ سانىدا تۈرك مۇتەخەسىسلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغا يەر بېرىلگەندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى ۋاڭ شياۋنىڭغىمۇ سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە تاشقى سىياسىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پروگراممىدا يەنە، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىللىرىدىن بىرى بولغان تيەنئەنمېن ۋەقەسىمۇ تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي دىكتاتورلىرىنىڭ يۈزمىڭلىغان ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقى ۋە بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ دېڭ شياۋپىڭنى يوقىتىش ئارقىلىق يېڭى دۆلەت ئاپاراتىنى قانداق قىلىپ تۈزۈپ چىققانلىقى كۆرسىتىلدى.
پروگراممىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن يۈكسىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىچكى، تاشقى ۋە مىللىي مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئۆتكۈرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئۇلغىيىۋاتقان بېسىملار بايان قىلىندى. پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە قاتارىغا ئۆتكەنلىكى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلدى: «تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ زىل مەسىلە دەل شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت. خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى ۋە تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش ئىسىتراتېگىيىسى داۋامىدا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان پوزېتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ مۇھىم مۇسۇلمان بازارلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان ھەم خىتاينىڭ بۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى ھەل قىلىشىدىكى بىر باسقۇچ سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. خىتاي تۈركىيىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا چاقىرماقتا. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بېسىم يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.»
پروگرامما يۇقىرىدىكى تەھلىللەر ۋە 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئاخىرىلاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈرك مەتبۇئاتلىرى، بولۇپمۇ دۆلەت تېلىۋىزىيىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىشى، خىتاينى تىلغا ئالغان ھامان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىشى، تۈركىيىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو - تېلىۋىزىيە ئىدارىسى TRT - haber قانىلىنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان «ئۇپۇق سىزىقى» ناملىق پروگراممىسىدا ھەر ھەپتە بىر دۆلەت ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ھازىرغىچە پەلەستىن مەسىلىسى، ھىندىستان ۋە كەشمىر مەسىلىسى، رۇسيە، ئافغانىستان، ئىراق، ئىران ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
0:00 / 0:00