ئۆتكەن ھەپتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدار ئوغلىنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭغا تەكلىپ قىلغان. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى فارۇق لوغئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زىيارەت 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، زىيارەت قىلىدىغان شەھەرلەر ئىچىدە بېيجىڭ بىلەن شاڭخەيدىن باشقا يەنە ئۈرۈمچىمۇ باركەن. بۇ خىتايلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسىنى رەسمىي زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى 5-ئايدا ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئىككى پارلامېنت ئەزاسىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن چۆچۈگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى ئۆزىگە تارتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى چەكلەش غەرىزىدە مۇشۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى باياناتچىسى ئالىي ھەيدەر فۇئات ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئالىي ھەيدەر ئەپەندى بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«رەئىسىمىز كەمال قىلىچدار ئوغلى ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىندى. 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە بېيجىڭ قاتارلىق بىر نەچچە شەھەردە زىيارەتتە بولماقچى. ئەمما قايسى شەھەرلەردە ئىكەنلىكىنى ھازىرچە دېيەلمەيمىز. شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئېھتىمالىمۇ بار. تۇنجى قېتىم بۇ خىل زىيارەت بولماقچى. بۇ تەكلىپنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سايلامدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا قويدى. كەمال قىلىچدارئوغلىمۇ بۇ تەكلىپنى ماقۇل كۆردى.»
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، كەمال قىلىچدارئوغلى بىلەن خىتايغا بارىدىغان ھەيئەت ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېخى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، مۇھاجىرلار بۆلۈمى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر 19-دېكابىر كۈنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى فارۇق لوغئوغلى بىلەن بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا بولدى ۋە كەمال قىلىچدار ئوغلىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا مەلۇمات بەردى.